تۈركمەنىستان خەلقى 15 يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم پرېزىدېنت سايلايدۇ

تۈركمەنىستان خەلقى 11 - فېۋرال كۈنى 1992 - يىلدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قېتىملىق سايلىمىدا بىلەت تاشلاپ، نىيازوۋ دەۋرىدىن كېيىنكى تۇنجى پرېزىدېنتىنى سايلاپ چىقىدۇ.

سايلامدا خەلقئارا كۈزەتكۈچىلەرنىڭ بىلەت ساندۇقىغا يېقىنلىشىشى چەكلەنسىمۇ،لېكىن ئۇلارنى سايلامنى يىراقتىن كۈزۈتىشىگە رۇخسەت قىلىشى مۇمكىن. كۈزەتكچىلەر، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەستىقلانغان 6 نامزات ئىچىدە مۇئاۋىن باش مىنىستىر بەردى. مۇھەمەددوۋنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلىشىغا ئىشەنچ بىلەن قارىماقتا. سايلام نەتىجىسى 12 - فېۋرالغىچە ئېلان قىلىنماسلىقى مۇمكىن.

بۇ قېتىمقى سايلام 1985 -يىلدىن بېرى تۈركمەنىستاننى سوراپ كېلىۋاتقان سابىق پرېزىدېنت سەپەر مۇرات نىيازوۋنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. تۈركمەنىستاندا ئېلىپ بېرىلغان ئاخىرقى قېتىملىق سايلام 1992 -يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ۋە سايلامدا نىيازوۋ غەلىبە قىلغان ئىدى. بۇ قېتىمقى سايلامغا چەتئەلدىكى تۈركمەنىستان ئۆكتىچى كۈچلىرىنىڭ قاتنىشىشى رۇخسەت قىلىنمىدى.

خەلقئارا كۈزەتكۈچىلەر، سايلامنىڭ خەلقئارا ئۆلچەمدىن يىراق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسىمۇ، لېكىن يېڭى پرېزىدېنتىنىڭ تۈركمەنىستاندا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىنى، نىيازوۋ دەۋرىدىكى بېكىنمىچىلىك سىياسەتكە خاتىمە بېرىلىشىنى ئۈمىت قىلماقتا. (ئەركىن)