تۈركمەنىستاننىڭ يېڭى پرېزىدېنتى قۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوف، تۈركمەنىستاننىڭ كۈنلۈك گېزىتلىرىدە ئېلان قىلىندىغان ۋە پۈتۈن تېلېۋىزىيە خەۋەر پروگرامملىرىنىڭ ئاخىرىدا تەكرارلىنىدىغان ۋەتەپەرۋەرلىك قەسىمىدىن، 20- دېكابىر كۈنى تۇيۇقسىز ئۆلگەن تۈركمەنىستاننىڭ دىكتاتورى سەپەر مۇرات نىيازوفنىڭ ئىسىمنى چىققرىۋېتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت بەردىمۇھەممەدوفنىڭ ياردەمچىلىرى تۈركمەنىستاندا چىقىدىغان گېزىتلارنىڭ تەھرىرلىرىگە بۇندىن كېيىن، ۋەتەنپەرۋەرلىك قەسىمىدىكى سەپەر مۇرات نىيازوف ئىسمىنىڭ ئورنىغا پرېزىدېنت كەلىمىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۆتكەن ھەپتە تۈركمەنىستاننىڭ پايتەختى ئاشىق ئاباددا ئۆتكۈزۈلگەن داغدۇغىلىق مۇراسىم بىلەن تۈركمەنىستان پرېزىدېنت ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇئالغان بەردىمۇھەممەدوف، مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، ئۇلۇغ سەپەر مۇرات تۈركمەنباشىنىڭ ئىزىدا ماڭىمەن، دېگەن ئىدى.
سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، تۈركمەنىستان ۋەتەنپەرۋەرلىك قەسىمىدىكى ئۆزگىرىش، بەردى مۇھەممەدوفنىڭ بىر تەرەپتىن ھاكىمىيەتتىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەشتۈرۈپ يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنى سەپەر مۇرات نىيازوفنىڭ سايىسىتىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش تەشەببۇسىنىڭ بىر بىشارىتى بولۇشى مۇمكىن، دېيىشمەكتە.
20 يىلغا يېقىن تۈركمەنىستاننى قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىدارە قىلىغان سەپەر مۇرات نىيازوف، ئۆزىنى پۈتۈن تۈركمەنلەرنىڭ ئاتىسى دەپ ئاتاتقان. تۈركمەنىستاننىڭ پۈتۈن شەھەر ۋە يېزىلىرىدا ئۆزىنىڭ ھەيكىلىنى تۇرغۇزغان نىيازوف، ھەتتا كۈنلەر، ھەپتىلەر، ئايلار ۋە يىللارنىڭ ئىسىملىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلار غا ئۆزى ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى قويغان. (قانات)