بولغارىيە، تۈركمەن پائالىيەتچىنى تۈركمەنىستانغا قايتۇرۇشنى رەت قىلدى

بولغارىيە سوت مەھكىمىسى، تۈركمەنىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بولغارىيىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بىر تۈركمەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنى تۈركمەنىستانغا قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلىپ، بولغارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى دەرھال قويۇپ بېرىشى ھەققىدە قارار چىقاردى.

تۈركمەنىستان ھۆكۈمىتى بولغارىيە ھۆكۈمىتىدىن، 1992- ۋە ‏‏1998‏- يىللىرى ئارىسىدا تۈركمەنىستان مەركەز بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن، ئانادۇردى ھاجىيېفنى تۈركمەنىستانغا قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. تۈركمەنىستان ھۆكۈمىتى ھاجىيېفنى تۈركمەنىستان مەركەز بانكىسىدىن 41 مىليون دوللارنىڭ ئوغرىلىنىشى دېلوسىغا چېتىشلىق دەپ، ئەيىبلىمەكتە.

ئەمما كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھاجىيېف، سۈرگۈندىكى تۈركمەنىستان سىياسىي ئۆكتىچى ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، سىياسىي پائالىيەتلىرى تۈپەيلىدىن ئۇزۇندىن بېرى تۈركمەنىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرلۈك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى تۈركمەنىستان ھۆكۈمىتى ھاجېيفنىڭ، ئازادلىق رادئىئوسىنىڭ مۇخبىرى بولغان سىڭلىسى ئوگۇلسەپەر مۇرادوفنا ۋە ئىنىسى سەپەر دۇردى ھاجىيىفنى قورال ساقلىغان دەپ ئەيىبلەپ، تۈرمىگە تاشلىغان. مۇرادوفنا، سوتقا تارتىلادىن بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن، تۈرمىدە گۇمانلىق بىر شەكلىدە ئۆلگەن.

جۈمە كۈنى بولغارىيىنىڭ ۋارنا رايونلۇق سوت مەھكىمىسى تۈركمەنىستان ھۆكۈمىتىنىڭ 2000‏- يىلى بولغارىيىگە قېچىپ كېلىپ، بولغارىيە ھۆكۈمىتىدىن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان ھاجىيېفنى، تۈركمەنىستانغا قايتۇرۇپ بېرىش توغرسىدىكى تەلىپىنى ئىككىنچى قېتىم رەت قىلىپ، ھاجىيېفنى تۈركمەنىستانغا قايتۇرۇش، قانۇنلارغا خىلاپ دەپ، ھۆكۈم چىقارغان. (قانات)