تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى نىيازوف خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ
2006.03.24
غەلىتە قارارلارنى چىقىرىش ۋە تۈركمەنىستاننى تۆمۈر مۇشت بىلەن ئىدارە قىلىش بىلەن تونۇلغان تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى سەپەر مۇرات نىيازوف، 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا تارىختىكى "پەرغانە دۇلدۇلى"نىڭ نەسلى "ئاقھال تەكە" دەپ ئاتىلىدىغان تۈركمەن ئېتىنى سوغا قىلماقچى ئىكەن. بۇ ئات مىلادىدىن ئىلگىرىكى 106 - يىلى جۇڭگو بىلەن پەرغانە دۆلىتى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان.
تۈركمەنىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نىيازوف تۈركمەنىستان ئىچكى كابىنت يىغىنىدا " ئاقھال تېكى"نى خۇ جىنتاۋغا سوغا قىلىش ئۈچۈن خىتايغا ماڭغاندا بىرگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. نىيازوفنىڭ زىيارىتى ئاساسلىقى خىتاي بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ ئىقتىسادى ۋە سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە قارىتىلغان بولۇپ، خىتاي تەبئىي گاز زاپىسىغا مول بولغان تۈركمەنىستان بىلەن ئېنېرگىيە ۋە تەبئىي گاز ئېكسپورت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە قىزىقماقتا.
بەزى كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن تۈركمەنىستاننىڭ " ماۋ زىدۇڭى" دەپ ئاتالغان نىيازوف "تۈركمەن باشى" دېگەن رەسمى نامنى قوللىنىدۇ ۋە ئۇنىڭغا چوقۇنۇش تۈركمەنىستاندا بىر سىياسىي ئادەتكە ئايلانغان. تۈركمەن ئېتى دۇنياۋىي شۆھرەتكە ئىگە ئات تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تۈركمەنىستاننىڭ " مىللىي غەزىنىسى" دەپ قارالماقتا. نىيازوف، چەتئەل رەھبەرلىرىگە كۆپ ھاللاردا ئات سوغا قىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ ئاتنى تۇنجى قېتىم خىتايغا سوغا قىلىشى بولۇپ قالغۇسى.
تارىختا " تۈركمەن ئېتى" نىڭ شۆھرىتى خىتاينىڭ غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە پادىشاھ خەن ۋۇدىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئىستىلاچىلىق ئۇرۇش قوزغىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . خىتاي تارىخنامىلىرىدە خاتىرىلىنىشىچە، خەن ۋۇدى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 106 - يىلى لى گۇاڭلى ئىسىملىك سەركەردىسىنى60مىڭ كىشىلىك قوشۇن باشلاپ، رىۋايەتلەردىكى " بەدىنىدىن قان تامچىپ تۇرىدىغان پەرغانە دۇلدۇلى" نى قولغا چۈشۈرۈشكە بۇيرۇغان ئىكەن. (ئەركىن)