ۋېن جياباۋ تۈركمەنىستاننى زىيارەت قىلدى


2007.11.04

تاشكەنت سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرغان خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ 3 - نويابىر كۈنى كەچتە تۈركمەنىستان زىيارىتىنى باشلىدى، ئۇ شۇ كۈنى ئاخشىمى تۈركمەنىستان پايتەختى ئاشخاباد ئايرودرومىدا تۈركمەنىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مېلودوفنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

4 - نويابىر كۈنى ئاشخابادتىكى پرېزىدېنت سارىيىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا پرېزىدېنت قۇربانگۈل بەردىمۇھەممەدوف ھۆرمەت قاراۋۇللىرى بىلەن بىرلىكتە ۋېن جياباۋنى داغدۇغىلىق كۈتۈۋالغان ھەمدە ۋېن جياباۋ بىلەن قۇربانگۈل بەردىمۇھەممەدوف ئارىسىدا ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي، سودا-ئىقتىساد ھەم ئېنېرگىيە قاتارلىق ھەر ساھەدىكى ھەمكارلىقلىرى مەسىلىسىدە سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىلغان.

شۇ كۈنى يەنە ۋېن جياباۋ تۈركمەنىستان خەلق مەجلىسى رەئىسى نۇر بەردىيېۋا خانىم بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

بۇ ۋېن جياباۋنىڭ تۇنجى قېتىم تۈركمەنىستاننى زىيارەت قىلىشى بولۇپ، بۇ يىل 7 - ئايدا تۈركمەنىستاننىڭ يېڭى پرېزىدېنتى قۇربانگۈل بەردىمۇھەممەدوف بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، رەئىس خۇ جىنتاۋ ۋە باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشكە ۋەدە بەرگەن ھەمدە مەرھۇم پرېزىدېنتى سەپەر مۇرات نىيازوۋ دەۋرىدە ئىمزالانغان ئېنېرگىيە ۋە سىياسىي مەسىلىلەرگە ئائىت كېلىشىملەرنىڭ داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر-ئانالىزلىرىغا ئاساسلانغاندا، تۈركمەنىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت ئەمەس، بىراق ئۇ ئېنېرگىيىگە باي مەملىكەت بولۇپ، خىتاي تەرەپ تۈركمەنىستان بىلەن تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قۇرۇپ، تۈركمەنىستان خىتايغا ھەر يىلى 30 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ماڭدۇرۇشقا قوشۇلغان بولسىمۇ، بىراق، رۇسىيە ئوخشاشلا تۈركمەنىستان بىلەن تەبىئىي گاز كېلىشىمى تۈزۈپ، تۈركمەن گازلىرىنى رۇسىيىگە تارتىشقا كېلىشىم ھاسىل قىلغان، ياۋروپا ئىتتىپاقى بولسا كاسپى دېڭىزى ئارقىلىق تۈركمەن گازلىرىنى كىچىك ئاسىيا يولى بىلەن ياۋروپاغا ماڭدۇرۇش تەكلىپلىرىنى بەرمەكتە.

مانا مۇشۇنداق مۇرەككەپ رىقابەتكە دۇچ كەلگەن خىتاي ئىمكان قەدەر تۈركمەنىستاننى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا. رۇسىيە بولسا، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە رىقابەتچىسىگە ئايلانغان. شۇ ۋەجىدىن خىتاي باش مىنىستىرىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك مەقسەتلەرنى كۆزلىگەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.