تۈركمەنىستان مۇۋەققەت پرېزىدېنتى تۈركمەن باشىنىڭ دۆلەت سىياسىتى ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركمەنىستان مۇۋەققەت پرېزىدېنتى بەردىمۇھەمەدوف، تۈركمەنىستان دۆلىتى مەرھۇم پرېزىدېنت سەپەر مۇرات نىيازوپنىڭ سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

تۈركمەنىستاندا 21 يىلدىن بېرى ئۆزىنىڭ شەخسى ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەن نىيازوپ ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن تۇيۇقسىز ئۆلگەن. نىيازوپ ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا مۇۋەققەت پرېزىدېنت بولغان تۈركمەنىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بەردىمۇھەممەدوف جۈمە كۈنى تېلېۋىزىيە نۇتۇقى سۆزلەپ، تۈركمەن پۇقرالىرىنىڭ كۆڭلىگە تەسەللى بەرمەكچى بولدى. بەردى مۇھەممەدوۋ سايلام ئۆتكۈزۈلگىچە ئۆزىنىڭ مۇۋەققەت پرېزىدېنتلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نىيازوپ ئۆلۈشتىن بۇرۇن ۋارىسىنى بېكىتىشكە ئۈلگۈرمىگەن ئىدى. بۇ ئەھۋال تۈركمەنىستاندا نوپۇز ۋە ھوقۇق بوشلۇقى يارىتىپلا قالماي، كىشىلەردە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇ دۆلەتتە ھوقۇق كۈرىشى پارتلاش ئەندىشىسى ياراتماقتا.

ئۆكتىچىلەر بولسا نىيازوپنىڭ سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا قارشى تۇردى. تۈركمەن ئۆكتىچى ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى ئاۋدى قۇلىيېف، فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا "بەردىمۇھەممەدوف نىيازوپنىڭ سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرسا، خەلق بۇنى قوبۇل قىلمايدۇ. پەقەت دېموكراتىيىدىلا مۇقىملىققا ئېرىشكىلى بولىدۇ" دەيدۇ.

رۇسىيىنىڭ "ۋرېميا نوۋوستېي " گېزىتى ئانالىزچىسى ئاركادى دوبنوف، بەردىمۇھەمەدوفنىڭ تۈركمەنىستان ۋەزىيىتىنى كونترول قىلالايدىغان شەخس ئىكەنلىكىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. نىيازوپنىڭ دەپنە مۇراسىمى يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ. (ئەركىن)