پاكىستان بىر نەپەر ئەل-قائىدە باشلىقىنى قولغا چۈشۈردى
2005.05.04
پاكىستان دائىرىلىرى ئەل-قائىدە تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئابۇ فاراج ئەل-لىببىنى قولغا ئالدى.
پاكىستان ئۇچۇر مىنىستىرى شەيىخ رەشىدە ئەخمەت، پاكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئابۇ فاراج ئەل-لىببىنى ئۆتكەنكى بىر- ئىككى كۈن ئىچىدە پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى ۋازىرىستان ئۆلكىسىدە قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇ توقۇنۇشتا يەنە، ئاز دېگەندە 5 نەپەر چەتئەللىك ئەل-قائىدە تەشكىلاتى ئەزاسىنى تۇتقانلىقىنى بىلدۈردى.
رەشىدە ئەخمەت يەنە، بۇ كىشىلەرنى تۇتقاندىن كېيىن، بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ھازىرغىچە نۇرغۇن ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇنىڭ، ئۇلارنىڭ ئەل-قەئىدە رەھبىرى ئوساما بىن لادېننى تۇتۇش يولىدىكى قەدىمىنىڭ توغرا بېسىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەل-لىببى، 2003 - يىلى دېكابىردىكى پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋەز مۇشەررەفنى ئۆلتۈرۈش سۈيقەستىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغۇچىسى دەپ گۇمان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدىن سىرت ئۇ يەنە، ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن باش مىنىستىر شەۋكەت ئەزىزنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنىڭمۇ جىنايەت گۇماندارى ھېسابلىنىدۇ.
ئەل- لىببى، پاكىستان ھۆكۈمىتى 20 مىليون رۇپى يەنى 340 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تۇتۇش مۇكاپاتى چىقارغان كىشى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولسا ئۇنىڭ ئۈستىدىن 5 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۇتۇش مۇكاپاتى چىقارغان. (پەرىدە)