ئامېرىكا، بېيجىڭدا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئەيىپلىدى


2005.07.04

بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ياۋروپا- خىتاي كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتنىشىشقا بارغان ئامېرىكىلىق بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ بېيجىڭدا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنىپ سوراق قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ئاقلىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەكىتلىشىچە، مەركىزى نيۇ - يوركتىكى جوڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى تەن جىڭچاڭ "خىتاي ئەلچىخانىسىدىن ۋىزا ئالغاندا يالغان ئىسىم قوللانغانلىقتىن، بۇ جوڭگو بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان".

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، تەن جىڭچاڭنى سوراق قىلىش يىغىننىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈندۇر،" دەپ كۆرسەتتى. تەن جىڭچاڭ، خىتاي ۋىزىسىغا ئىلتىماس قىلغاندا شارون خوم، دىگەن ئىسىمنى قوللانغان ئىدى.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تەن جىڭچاڭ 6 - ئاينىڭ 21 - كۈنى بېيجىڭ مىھمانخانىسىدا تۇتۇپ قېلىنغاندىن كېيىن، بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ۋەقەگە ئارىلىشىپ، ئۇنى 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى خىتايدىن ئايرىلغانغا قەدەر قانات ئاستىغا ئالغان شۇنداقلا ئامېرىكا ئەلچىخانىسى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.