ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇر تەڭسىزلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزمەكتە
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتى 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئىسپاتلىق- ئاڭلاش يىغىنى ئاچقان ئىدى. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئالسېي خاستىڭ ئىسپاتلىق بېرىپ، ئامېرىكا -خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇر تەڭسىزلىكىنى، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئامېرىكىدا توسالغۇسىز ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرىغا، ھەتتا خەلقئارالىق ئىنتېرنېت تورلىرىغىمۇ ھەرخىل سەۋەب بىلەن، ھەرخىل تېخنىكا قوللىنىپ توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتى خەلق ئىچىدە ئامېرىكىغا قارىتا دۈشمەنلىك كەيپىيات پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى توم خاركىنمۇ ئىسپاتلىق بېرىپ، ئامېرىكا -خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىدە ، خىتاي ھۆكۈمىتى پەيدا قىلىۋاتقان مال بىخەتەرلىكى ۋە ئامېرىكا -خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇر مۇناسىۋىتىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى پەيدا قىلىۋاتقان ئۇچۇر تەڭسىزلىكى ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىدى. شۇنداقلا يىغىن ئەھلى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى بۇنداق تەڭسىزلىكنىڭ دەرھال تۈگىتىلىشى لازىملىقىنى كۆرسەتتى. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى پائۇلسون خىتاينى زىيارەت قىلدى
- ئامېرىكا تاشقى مۇناسىۋەت پائالىيىتىنى كۈچەيتىشنى پىلانلىماقتا
- ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۆتكۈر ھەربىي قوراللار تەرەققىياتىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىدۇ
- ئامېرىكا، سەئۇدى ۋە خىتاي شىركەتلىرى بەش مىليارد دوللارلىق ئېنېرگىيە كېلىشىمى تۈزدى
- ئامېرىكا ھەربىي ئەمەلدارى خىتايدا زىيارەتتە بولدى
- دىك چېنېي: خىتاينىڭ سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك ئەمەس
- رايىس بېيجىڭدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- ئامېرىكا ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىنى زىيارەت قىلدى