شىتابى نيۇيوركقا جايلاشقان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يەكشەنبە كۈنى نيۇيورك شەھەر باشلىقى بلومبېرگ ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىدىن نيۇيورك شەھەر باشلىقى بلومبېرگنىڭ كېلەر ھەپتە خىتاينى زىيارەت قىلغاندا خىتاينىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ھەققىدە خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلدى.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئېلان قىلغان باياناتىدا نيۇيورك شەھەر باشلىقى "خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ خىتاينىڭ جەمىيەت، ئىقتىساد ۋە سىياسىي تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشى كېرەك،" دەپ كۆرسەتكەن. باياناتقا تايانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى ئېچىشتىن ئىلگىرى جۇڭگونىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن، بىراق خىتاي ئاخبارات ئەركىنلىكىگە بولغان كونتروللۇقنى داۋاملىق كۈچەيمەكتە.
بۇ قېتىم يەنە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىمۇ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ شىۋىتسارىيىدىكى يىغىنىدا خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسىنى قەتئىي قىسقارتىشى، سوتلىماي تۇرۇپ سوراق قىلىش ۋە تۈرمىگە تاشلاشنى قىسقارتىشى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە زەربە بېرىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھازىرغىچە 29 نەپەر مۇخبىرنى تۈرمىگە تاشلىغان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر جۈملىدىن تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىمۇ ئېغىر دەخلى تەرۈزگە ئۇچرىتىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر سىياسىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھەتتا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىزچىل تەنقىد قىلىپ كەلمەكتە.
ئەمما، خەۋەرلەردىن قارىغاندا، يېقىندا خىتاي تەرەپ چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئولىمپىك جەريانىدا خىتايدا خەۋەر تارقىتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا نىسبەتەن مەلۇم دەرىجىدە قويۇۋېتىش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بارلىق مۇخبىرلارغا نىسبەتەن كۆزىتىش ۋە ئارقا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق تۈرلۈك چەكلىمىلەرنى يارىتىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا. (ئۈمىدۋار)