چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ياۋروپا پارلامېنتنىڭ خىتايدا پىكىر ئەركىنلىكىنى يولغا قويۇش ھەققىدىكى قارار لايىھىسىنى ئالقىشلىدى
2007.12.19
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان خىتايدا پىكىر ئەركىنلىكىنى يولغا قويۇش ھەققىدىكى قارار لايىھىسىنى ئالقىشلىدى. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنى2008 - يىلىدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن پىكىر ئەركىنلىكىنى يولغا قويۇشقا؛ ئولىمپىك كومىتېتىنى بولسا، خىتاينىڭ 2001 - يىلى ئولىمپىك ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشكە چاقىردى.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا خەۋەرلىرى' دە بايان قىلىنىشىچە، ياۋروپا پارلامېنتىدا ماقۇللانغان قاراردا خىتايدا ئىنتېرنېتنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشنى، تور بەتلىرىنى توسۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ ئەركىن پىكىر بايان قىلغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە ئېلىنغان كىشىلەرنى قۇيۇپ بېرىش؛ خىتايدا ئىشلەۋاتقان چەتئەل ژورنالىستلىرى قويۇلغان چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىش ھەققىدە تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى بريۇسسېلدا بۇ قارار ھەققىدە ئېچىلغان ئاخبارات يىغىنىدا، ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ساكاروف مۇكاپاتى تەشكىلاتى، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىردەكلا ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىشقا سەككىز ئاي قالغاندىمۇ، خىتاي تېخىچە ئۆزىنىڭ بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمايۋاتقانلىقىنى جىددىي ئەيىبلىگەن. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدا يېڭىدىن ئېچىلغان 'چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تور بېتى' گە كىرىش قىيىن
- كىشىلىك ھوقۇق بىرىنچى ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئىنتېرنېتنى چەكلەش ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىدى
- دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ باش كومىسسارى بايانات ئېلان قىلدى
- ئاخبارات ئەركىنلىك تەشكىلاتى خىتايغا كىرگۈزۈلمىدى
- تەيۋەندە سىياسىي جىنايەتچىلەر تۈرمىسى كىشلىك ھوقۇق باغچىسىغا ئۆزگەرتىلدى
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينى مەتبۇئاتقا بولغان كونتروللۇقنى بىكار قىلىشقا چاقىردى
- خىتاينىڭ ئولىمپىك ھارپىسىدىمۇ كىشىلىك ھوقۇقنى داۋاملىق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى: خىتاي مەكتەپلىرىدە ئۆسمۈرلەرنى ئەمگەككە ئېلىش ئىشلىرى مەۋجۇت
- خەلقئارا مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئولىمپىك كومىتېتىنى خىتاي مەسىلىسىدە ئەيىبلىدى