ئوكرائىنانىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولغانلىقىنى ئامېرىكا قىزغىن قارشى ئالدى

دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئوكرائىنا بىلەن 1993 ‏- يىلىدىن تارتىپ ھازىرغىچە 14 يىل سوھبەت ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، بۈگۈن 2008 ‏- يىل 2 ‏- ئاينىڭ 6 ‏- كۈنى، ئوكرائىنا پرېزىدېنتى ۋىكتور يۇشىنكو بىلەن دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئىش بىجىرگۈچى خادىمى لامى كېلىشىمگە ئىمزا قويۇپ ھۆججەت ئالماشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئوكرائىنا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىىستىرلىقى بۈگۈن ئوكرائىنانىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالدى ۋە ئوكرائىنانىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا 152 ‏دۆلەتنىڭ بىرى بولغانلىقىنى ئوكرائىنانىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتىدىكى بىر مۇھىم نامايەندە دېدى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئوكرائىنا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، 2 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنى ئۆكتىچى پارتىيە - گۇروھلار پارلامىنتتا بايان ئېلان قىلىپ ، پرېزىدېنت يۇشىنكونى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش ئۈچۈن شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) غا يېلىندى، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.يەنە بەزى كوممۇنىستپەرەس ئىقتىسادشۇناسلارمۇ يۇشىنكونى 'بۇ پرېزىدېنت ئوكرائىنا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىن قانداق يامان ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ، ئەگەر ئوكرائىنا دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قاتتىق تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلماي، پەقەت رۇسىيە، بىلورۇسىيە ۋە قازاقستانلار بىلەنلا چېگرا بېجى جەھەتتە ئىتىپاق تۈزۈپ تۇرغان بولسا، تېخىمۇ ياخشى قوغداشقا ئېرىشەلەيتتى' دەپ مۇلاھىزە ئېلان قىلغان ئىدى.