ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنتى كۇچىما پرېزىدېنت سايلىمىدىكى نامزاتلار سۆھبەت ئۆتكۈزدى

ئۇكرائىنىيىدىكى سايلام كرىزىسى شەنبە كۈنى 6 - كۈنىگە قەدەم قويدى. سانى ئاز بولمىغان نامايىشچىلار، كېيىف شەھىرىدە ھۆكۈمەت بىناسىنى داۋاملىق قورشىۋالغان. ئۇكرائىنىيە ئامانلىق دائىرىلىرى ئۆكتىچىلەرنى قوللاشقا باشلىغان.

ئامېرىكا سىملىق خەۋەرلەر تورى CNN نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدىكى ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنتى كۇچىما بىلەن بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ پرېزىدېنت نامزاتلىرى يانۇكوۋېچ ۋە ئۆكتىچى كۈچلەر رەھبىرى يۇشىنكولار سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ رەھبىرى يۇشىنكو، پەيەنبە كۈنى ئۇكرائىنىيە ئالى سوت مەھكىمىسىگە داۋا ئېچىپ، سالام نەتىجىسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

ئالى سوت مەھكىمىسى ئۆكتىچىلەرنىڭ ئەرزنامىسى كۆزدىن كەچۈرۈلگەنگە قەدەر، سايلام نەتىجىسى كۈچكە ئىگە دەپ قارارلىمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر، سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئۇكرائىنىيە باش مىنىستىرى يايانۇكوۋېچنى سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىگەن. بىراق بۇنىڭ سەل ئالدىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا، سايلامنىڭ نەتىجىسىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. (ئەركىن)