ئۇكرائىنىيىنىڭ ۋەزىيىتى جىددىلەشمەكتە
2004.11.28
ئۇكرائىنىيە پارلامېنتى ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنت سايلىمى نەتىجىسىنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئۇكرائىنىيىدە قايتا پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈش ھەققىدىكى تەلەپلەر كۈچەيمەكتە.
ئۇكرائىنىيە پارلامېنتى شەنبە كۈنى، ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمىدا ساختىلىق ئەھۋاللىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى ۋە سايلام نەتىجىسىنىڭ خەلقنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىقىنى كۆرسىتىپ، سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش ھەققىدە قارار ئالغان. پارلامېنت ئەزالىرى شۇنداقلا مەركىزى سايلام كومىتېتىغا ئىشەنچىسىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇكرائىنىيە مەركىزى سايلام كومىتېتى رۇسپەرەس باش مىنىستىر يانوكوۋىچنىڭ سايلامغا ئۇتۇپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
گەرچە ئۇكرائىنىيە پارلامېنتىنىڭ بۇ قارارى قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ئۇكرائىنىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى ئاخىرقى قارارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارالماقتا.
ئۇكرائىنىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى دۈشەنبە كۈنى ئۆكتىچى گۇرۇپپا ۋە خەلقئارا نازارەت تارماقلىقى سۇنغان سايلامدا كەڭ كۆلەملىك ساختىلىق قىلمىشلىرى كۆرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى دوكلاتنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، قايتا پرېزىدېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىش -بارماسلىقنى قارار قىلىدۇ.
نۆۋەتتە ئۆكتىچى نامزات يوشىنكو 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى پرېزىدېنت سايلىمىنى قايتا ئېلىپ بېرىشنى تەۋسىيە قىلماقتا. بۇ ئارىدا، باش مىنىستىر يانوكوۋىچنىڭ نەچچە ئون مىڭلىغان قوللىغۇچىلىرى ئوكرائىنىيىنىڭ شەرقىدە يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ئەگەر ئۆكتىچى نامزات يوشىنكو پرېزىدېنتلىققا سايلانسا، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت قۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇكرائىنىيىدىكى پرېزىدېنت سايلىمى
- كولىن پوۋېل ئۇكرائىنىيىنى ئاگاھلاندۇردى
- ئۇكرائىنىيىدە ئۆكتىچىلەر مەملىكەت بويىچە ئاممىۋىي ئىتائەتسىزلىك ھەرىكىتى قوزغىدى
- ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنتى كۇچىما پرېزىدېنت سايلىمىدىكى نامزاتلار سۆھبەت ئۆتكۈزدى
- ئۇكرائىنىيىدىكى ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار سايلام نەتىجىسىگە رىقابەت ئېلان قىلدى
- ئۇكرائىنىيە سايلام كومىتېتى ئەڭ ئاخىرقى سايلام نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى
- يوشىنكو ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنتى بىلەن سۆھبەتلىشىشكە قوشۇلدى