ئۇكرائىنىيە پارلامېنتى ھۆكۈمەتكە ئىشەنمەسلىك قارارىنى ماقۇللىدى

ئۇكرائىنىيە پارلامېنتى چارشەنبە كۈنى ئاز سانلىق ئۈستۈنلۈك بىلەن يانوكوۋىچ ھۆكۈمىتىگە ئىشەنمەسلىك قارارىنى ماقۇللىدى. بۇ قارار ئۆكتىچى نامزات يوشىنكونىڭ ھىمايىچىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

ئۇكرائىنىيە پارلامېنتى شۇنىڭ بىلەن بىللە يېڭىدىن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇش ھەققىدىمۇ قارار ئالغان. ئۇكرائىنىيە پارلامېنتىنىڭ مەزكۇر قارارلىرىنىڭ ئىجرا كۈچى يوق. ئۇكرائىنىيە پارلامېنتى قارارىنى ئېلان قىلغاندىن كىيىن، باش مىنىستىر يانوكوۋىچ ئۆزى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ تەختتىن چۈشمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭ ئالدىدا، ئۇكرائىنىيىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدىكى پرېزىدېنتى كۇچما قايتىدىن ئومومىي سايلام ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بۇ ئارىدا، ئۇكرائىنىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى ئۆكتىچى نامزات يوشىنكو سۇنغان سايلامدا ساختىلىق كۆرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى ئەرزنى بىر تەرەپ قىلىۋاتقان بولۇپ، ئەگەر ئوكرائىنىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى قايتا سايلام ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلسا، قانۇن بويىچە، باش مىنىستىر يانوكوۋىچ ۋە ئۆكتىچى نامزات يوشىنكونىڭ ھەر ئىككىلىسى يېڭى سايلامغا قاتنىشالمايدۇ. نۆۋەتتە ياۋرۇپا بىرلىكى تاشقى ئىشلار كومىتىتىنىڭ مەسئولى سولانا، پولشا ۋە لىتۋىيىنىڭ پرېزىدېنتلىرى ئۇكرائىنىيە پايتەختى كېيۋدا كېلىشتۈرۈش خىزمىتى ئىشلىمەكتە. (ئارزۇ)