ئۇكرائىنىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى سايلامنى ئىناۋەتسىز قىلدى

ئۇكرائىنىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى جۈمە كۈنى ھۆكۈم چىقىرىپ، 21 - نويابىردىكى ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنى ئىناۋەتسىز، دەپ جاكالىدى. شۇنداقلا قايتا سايلام ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇكرائىنىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى ئاناتولى يارېما، قايتا سايلام 26 - دېكابىردا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇكرائىنىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ سايلام نەتىجىسىنى ئىناۋەتسىز قىلىش ھەققىدىكى قارارى، يۇشىنكو باشچىلىقىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ زور غەلىبىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئالىي سوت، قايتا سايلامنىڭ كەلگۈسى 3 ھەپتە ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىشىنى قارار قىلغان.

ئىنتېر فاكس ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ئۇكرائىنىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ قايتا سايلام ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلىپلا قالماي، ئۇكرائىنىيە مەركىزى سايلام كومىتېتىنىڭ 21 - نويابىردا ئېلان قىلغان ئۇكرائىنىيە باش مىنىستىرى يانۇكوۋېچنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقى ھەققىدىكى قارارىنىمۇ ئىناۋەتسىز، دەپ جاكالىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ياشىنكو باشچىلىقىدىكى ئۆكتىچىلەر، 21 - نويابىردىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا ئۇكرانىيىدىكى 25 ئوبلاستنىڭ 8 دە ساختىپەزلىك ۋەقەلىرى يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، ئالىي سوت مەھكىمىسىگە داۋا ئاچقان . ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا سايلام نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى جاكالىغان. رۇسىيە، بلۇرۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستانلار سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقى ئېلان قىلىنغان يانۇكوۋېچنى قوللىغان ئىدى. (ئەركىن)