ئۇكرائىنىيە خەلقى يەكشەنبە كۈنى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان پرېزىدېنت سايلىمىغا قايتا بىلەت تاشلىدى. كۈزەتكۈچىلەر، سايلامدا ئۆكتىچى گۇرۇپپىنىڭ رەھبىرى يۇشىنكۇنىڭ غەلىبە قىلىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلماقتا.
ئۆتكەن ئايدىكى سايلامدا موسكۋاپەرەس باش مىنىستەر يانۇكوۋىچ ئۇتۇپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما سايلامدا ساختىلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەنلىكتىن، سايلام نەتىجىسى ئۇكرائىنىيە يۇقىرى سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئىناۋەتسىز قىلىنغان ئىدى.
چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يەكشەنبە كۈنىدىكى سايلامنى تەخمىنەن 12 مىڭدىن ئارتۇق چەتئەل كۈزەتكۈچىلىرى نازارەت قىلغان. بۇ ئۇكرائىنىيە خەلقىنىڭ سەككىز ھەپتە ئىچىدە ئۈچىنچى قېتىم پرېزىدېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو - تېلۋېزىيىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىلەت تاشلاش ئاخىرلاشقان پونكىتلاردىكى سايلام خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان رايىنى سىناش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئۆكتىچى رەھبەر يۇشىنكۇ، باش مىنىستىر يانۇكۇۋىچتىن ٪ 15 كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن. (ئارزۇ)