يوشىنكونىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇكرائىنىيە پارلامېنت بىناسىنى قايتا قورشىۋالدى
2004.12.29
ئۇكرائىنىيىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ رەھبىرى يوشىنكونىڭ قوللىغۇچىلىرى پارلامېنت بىناسىنى قايتا قورشىۋېلىپ، ئۇكرائىنىيە ھۆكۈمىتى ئىچكى كابىنتىنى چارشەنبە كۈنىدىكى بىر يىغىنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە ئاخىرقى قېتىملىق پرېزىدېنت سايلىمىدا ئۆكتىچىلەر رەھبىرى يوشىنكو ئۇتۇپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئۇكرائىنىيە ھۆكۈمىتىدىكى ئاساسلىق ئەمەلدارلار تېخىچە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلمىغان ئىدى.
شۇنداقلا يەنە بىر پرېزىدېنت كاندىداتى نۆۋەتتىكى باش مىنىستىر يانۇكوۋىچ ئۆزىنىڭ ئۇتتۇرغانلىقىغا تەن بەرمەي، سايلامدا ساختىلىق كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى ھەمدە چارشەنبە كۈنىدە ئىچكى كابىنت يىغىنى چاقىرىشنى پىلانلىغان ئىدى. ئەمما بۇ يوشىنكو قوللىغۇچىلىرىنىڭ قارشىلىقى تۈپەيلىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
ئۆكتىچىلەر رەھبىرى يوشىنكو سايلامدا ئۇتۇپ تۇرۇپمۇ، ئۇكرائىنىيە ئىچكى كابىنتىنىڭ تېخىچە تارقىتىۋېتىلمىگەنلىكىنى ئەيىپلىدى. ئۇ يەنە، "قايسى بىر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتى سايلامدا ئۇتتۇرىۋېتىپمۇ يەنىلا تەختتىن چۈشمەي تۇرىۋالىدۇ؟ بۇنداق قانۇنسىز ھۆكۈمەت ئەمدى يىغىن ئاچىمىز دەپ ئولتۇرماسلىقى كېرەك." دەپ بىلدۈردى.
بۇ قېتىملىق ئۇكرائىنىيە سايلىمى، رۇسپەرەس شەرقىي ئۇكرائىنىيە بىلەن مىللەتچى غەربىي ئۇكرائىنىيە ئوتتۇرىسىدىكى شۇنداقلا رۇسىيە بىلەن غەرپ ئەللىرى ئوتتۇرىسىدىكى بۆلۈنۈشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- غەرب دۆلەتلىرى، ئۇكرائىنىيىنىڭ سايلام نەتىجىسىنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى
- ئۇكرائىنىيىنىڭ پرېزىدېنت سايلىمىدا، يوشىنكو غەلبىگە ئېرىشتى
- ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنت سايلىمىغا قايتا بىلەت تاشلىدى
- ئۇكرائىنىيە خەلقى يەكشەنبە كۈنى قايتا سايلام ئېلىپ بارىدۇ
- ئۇكرائىنىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى سايلامنى ئىناۋەتسىز قىلدى
- پۇتىن ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى
- ئۇكرائىنىيە پارلامېنتى ھۆكۈمەتكە ئىشەنمەسلىك قارارىنى ماقۇللىدى
- ئوكرائىنىيدىكى ئالى سوت مەھكىمىسى، سايلام مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە