ۋىكتور يۇشىنكۇ يەكشەنبە كۈنى قەسەم بېرىپ، ئۇكرائىنىيىنىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. ئۇ، بۇ قېتىمقى سايلام ۋە ھوقۇقنىڭ ئۆتكۈزىلىشىنى "دۆلەتنىڭ غايەت زور غەلىبىسى" دەپ تەسۋىرلىدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يۇشىنكۇنىڭ نەچچە ئون مىڭلىغان قوللىغۇچىلىرى يەكشەنبە كۈنى كېيىفتىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا كېلىپ، يۇشىنكۇنىڭ قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرىمۇ يەكشەنبە كۈندىكى مۇراسىمغا قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پاۋىلمۇ بار.
يۇشىنكۇ قەسەم بېرىش نۇتۇقىدا، ئۇكرائىنىيىنىڭ بىرلىكىنى قوغدايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇكرائىنىيىنىڭ كەلگۈسى ئورنىنىڭ ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ ئىچىدە بولىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ، ئۇكرائىنىيىنى دېموكراتىك، گۈللەنگەن بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى. ئۇ يەنە ئۇكرائىنىيىنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىمۇ ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشتىن ئىككى ئاي ئاۋۋال ئۇكرائىنىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمىدا ئېغىر ساختىلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن. ئۇ قېتىمقى سايلامدا يۇشىنكۇ، موسكۋاپەرەس باش مىنىستەر يانوكۇۋىچكە ئۇتتۇرۇپ قويغان ئىدى. سايلامدىن كېيىن كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى كۆتۈرۈلۈپ، ئۇكرائىنىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى قايتىدىن سايلام ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان. نەتىجىدە يېڭى سايلامدا يۇشىنكۇ پرېزىدېنتلىققا سايلانغان. (ئارزۇ)