ئۇكرانئىيە خەلقىي تالاش -تارتىشتىكى پرېزىدېنت سايلىمى ئۈچۈن يەكشەنبە كۈنى قايتا بىلەت تاشلايدۇ. بىلەت تاشلاشقا بىر كۈن قالغاندا، ھەر ئىككى پرېزىدېنت نامزاتى سايلامدا غەلىبە قىلىشنىڭ ئاخىرقى تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
پرېزىدېنتلىقنى تالىشىۋاتقان يانۇكوۋېچ بىلەن يۇشىنكو، پەيشەنبە كۈنى تېلېۋىزوردا مۇنازىرە ئېلىپ باردى. بىرىنچى قېتىملىق سايلام ساختىپەزلىك ۋەقەلىرى تۈپەيلىدىن ئىناۋەتسىز قىلىنغان. سايلامدا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقى، ئۇكرائىنىيىدە كەڭ كۆلەمدىكى ئاممىۋى نارازىلىق ھەرىكىتىنى قوزغىغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر سايلام نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇكرائىنىيە ئالى سوت مەھكىمىسى سايلامنى ئىناۋەتسىز، دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.
ئىككىنچى قېتىملىق سايلامنى ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلات قاتارلىق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار نازارەت قىلىدۇ. خەلق رايىنى سىناش نەتىجىلىرى قارىغاندا، ئۆكتىچىلەر رەھبىرى يۇشىنكو رەقىبى موسكۋاپەرەس باش مىنىستىر يانۇكوۋېچقا قارىغاندا ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىگەن. يۇشىنكونىڭ رەقىبى يانۇكوۋېچ، ئەگەر سايلامدا يۇشىنكو غەلىبە قىلسا، ئۇكرائىنىيىنىڭ پارچىلىنىش ۋەزىيىتىگە چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.بىراق يۇشىنكو يانۇكوۋېچنىڭ باش مىنىستىرلىقىدىكى ئۇكرائىنىيە دائىرىلىرىنى، سايلام نەتىجىسىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىگەن. (ئەركىن)