ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنتى يۇشېنكو يېقىندا ئۆزىنىڭ ئۈچ نەپەر ئالىي ياردەمچىسىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش بىلەن ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
مەشھۇر سېرىق رەڭلىك ئىنقىلاب ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەنلىكىگە ئانچە ئۇزۇن بولمىغان ئۇكرائىنىيە ھۆكۈمىتىدىكى بۇ ۋەقە خەلقئارا جەمىيەتنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى.
بۇ قېتىم ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلارنىڭ بىرى ئۇكرائىنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى يۇلىيا تىموشېنكو بولۇپ، ئۇ يۇشېنكونى تەنقىد قىلىپ، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ ئادىل بولمىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ھەمدە ھازىر ئۆزلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىلغانلىقىنى ئەمما، بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ ئۆز ئارا ئۇرۇشمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. يۇلىيا تىموشېنكو خانىم يەنە ئۆزىنىڭ پرېزىدېنت يۇشېنكونى ئەيىبلىمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى يۇشېنكونىڭ ئەتراپىنى نامۇۋاپىق كىشىلەرنىڭ قاپلاپ كېتىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆزى بىلەن پرېزىدېنت ئارىسىنى بۇزۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.
پرېزىدېنت يۇشېنكونىڭ غەربپەرەس باش مىنىستىر يۇلىيا تىموشېنكونى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى باش مىنىستىر تەيىنلىشىنى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن قوللىغان. ئەمەلىيەتتە بولسا، تىموشېنكو خانىم پرېزىدېنت يۇشېنكونىڭ ھاكىمىيەتنى ئىگىلىشىدە ئەڭ كۆپ كۈچ چىقارغان ئۇنىڭ يېقىن سەپدېشى ئىدى. (ئۈمىدۋار)