رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنىيە تەبىئىي گاز مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ

رۇسىيە فېدېراتسىيىسى سەيشەنبە كۈنى ياۋروپا دۆلەتلىرىنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇكرائىنىيىنى رۇسىيىدىن ياۋروپا دۆلەتلىرىگە يوللانغان تەبىئىي گازنى توختىتىپ قويۇپ، رۇسىيىگە زور ئىقتىسادى زىيان سېلىش بىلەن ئەيىبلىدى. ئۇكرائىنىيە رۇسىيىنىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلغان.

رۇسىيىنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى گازپروم شىركىتى يېقىندا ئۇكرائىنىيىنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىپ قويغان. بۇ، رۇسىيىنىڭ ئۇكرائىنىيە ئارقىلىق غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنى گاز بىلەن تەمىنلىشىگە تەسىر يەتكۈزگەن ئىدى.

رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنىيە سەيشەنبە كۈنى پات ئارىدا تەبىئىي گاز مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ئارىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنىيىدىن مەسىلىنى سۆھبەت يولى ئارقىلىق تېزرەك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېنېرگىيە كومىسسارى ئاندرىس پېيبالگس، " بۇ ۋەقە، تەبىئىي گاز يېتىشمەسلىك ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئاجىزلىقى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى " دەيدۇ.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبىتى سەيشەنبە كۈنى كەچتە باشلىنىشى مۇمكىن. (ئەركىن)