ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئۇكرائىنىيە دائىرىلىرىنىڭ ئۆزبېك مۇساپىرلىرىغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى تەنقىد قىلىپ، ئۇكرائىنىيىنىڭ ئۆز زىممىسىگە ئالغان خەلقئارالىق جاۋابكارلىقلارنى بۇزغانلىقىنى كۆرسەتكەن. چۈنكى، ئۇكرائىنىيە دائىرىلىرى 14-15-فېۋرال كۈنلىرى ئۆتكەن يىلىدىكى ئەنجان ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئۈچ نەپەر ئۆزبېك قاچقۇنىنى تۇتۇپ، ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇپ بەرگەن. بۇ ئادەملەر ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن بولۇپ، دېمەك ئۇلار سىياسىي پاناھلىق تىلىگەنلەر ئىدى.
ئۆزبېكىستان ئۆكتىچىلىرى يېقىنقى 16 ئاي ئىچىدە 29 نەپەر ئۆزبېكىستان ئۆكتىچىسىنىڭ ئۇكرائىنىيە تەرىپىدىن مەجبۇرىي تۈردە ئۆزبېكىستانغا قايتۇرىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسىدىن بۇ ئەھۋالنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.(ئۈمىدۋار)