ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان "پۇل - مۇئامىلە گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇكرائىنىيە 2001 - يىلى خىتاي بىلەن ئىرانغا مۇساپىسى 3000 كىلومېترلىق يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ساتقان.
خەۋەردە ئۇكرائىنىيە تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار قانۇنسىز يوللار بىلەن سېتىلغان بولۇپ، يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان 18 دانا باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ 12 دانىسى ئىرانغا 6 دانىسى خىتايغا سېتىپ بېرىلگەن. تەپتىش دائىرىلىرى، خىتاي بىلەن ئىرانغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىش سودىسىغا ئارلاشقان بىر سودىگەرنى قولغا ئالغان شۇنداقلا بۇ دىلوغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ھەركىتىنى باشلىغان.
بۇ سودا ئۇكرائىنىيىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى ليونىد كۇچىما دەۋرىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. كۇچىما ئۆتكەن يىلى ئۇكرائىنىيىدە يۈز بەرگەن سېرىقرەڭ ئىنقىلابىدا، ھوقۇقىنى ھازىرقى پرېزىدېنت يۇشىنكوغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.
ئۇكرانىيە باش تەپتىشىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ دىلوغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى رۇسىيىلىك سودىگەرنىڭ بىرى ئۆتكەن يىلى پراگادا قولغا ئېلىنغان. ئۇكرائىنىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە خىتايغا سېتىپ بېرىلگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ شىمالى كورىيىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىدىن ئەنسىرىمەكتىكەن.
"پۇل - مۇئامىلە گېزىتى" ئۇكرائىنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر دىلو ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش پائالىيىتى، ئامېرىكىنىڭ كېيىفتىكى باش ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن دىققەت بىلەن كۆزىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)