ئوكرائىنا پرېزىدېنتى يۇشىنكو سەيشەنبە كۈنى، 2008 - يىلى ئوكرائىنادا 1930 - يىللاردا يۈز بەرگەن چوڭ ئاچارچىلىقنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەيدىغان يىل، بۇنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بۇ يىل 11 - ئايدىن باشلاپ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىدۇ، سوۋېت كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ بۇ مىللىي قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇلماسلىق ئۈچۈن، شۇ يىللاردىكى ئاچارچىلىقتىن ئىبارەت مىللىي زۇلۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان كىشىلەر ئابىدىگە يېزىلىدۇ، دەپ جاكارلىغان. ئۇ سۆزىدە 'چۇقۇم بۇ پاكىتنى بىلىش ھەممە ئوكرائىنلىقنىڭ ۋىجدانىي بۇرچى' دېگەن.
خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، 1931 - يىلىدىن 33 - يىلىغىچە، ياۋروپانىڭ ئاشلىق ماكانى دەپ ئاتىلىدىغان ئوكرائىنادا سوۋېت كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ستالىن ھاكىمىيىتى يېزىلاردا كوپىراتسىيىلەشتۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، دېھقانلار يەيدىغان ئاشلىققا نورما بەلگىلىگەندە، خەلق ئىچىدە ئۇدا 3 يىلغىچە ئاچلىقتىن ئادەم ئۆلۈش ۋەقەلىرى ئۆزلۈكسىز يۈز بەرگەن.
شۇ يىللاردا ئوكرائىنادا 7 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە نارىسىدە بالىلارنىڭ سانى 4 مىليون. بۇ جەھەتتىكى ئارخىپلارنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىخەتەرلىك تارماقلىرى بۇلتۇر ئاشكارىلاپ كۆرگەزمە قىلدى.
ھازىر دۇنيادا 10 نەچچە دۆلەت بۇ ئاچارچىلىقنى سوۋېت كوممۇنىست پارتىيىسى ئوكرائىنادا پەيدا قىلغان مىللىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ. ھازىر ئوكرائىنا بۇ چوڭ ئاچارچىلىقتىن ئىبارەت كوممۇنىست پارتىيە ئوكرائىنا خەلقىغە يۈرگۈزگەن مىللىي زۇلۇمنىڭ خەلقئارادا ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىنىشىنى تەلەپ قىلماقتا. (ۋەلى)