خىتاي نېفىت شىركىتى يۇنىكالغا قويغان باھاسىنى قايتۇرىۋالدى

خىتاي دېڭىز-ئوكيان نېفىت شىركىتى سەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكىنىڭ يۇنىكال نېفىت شىركىتىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن قويغان 18 يېرىم مىليارد دوللارلىق باھاسىنى قايتۇرىۋالغانلىقىنى جاكارلىدى.

خىتاي دېڭىز- ئوكيان نېفىت شىركىتىنىڭ باشلىقى فۇ چېڭيۈ بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ بېسىمى ئاستىدا بۇ قارارنى چىقارغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر شىركەتنىڭ باھاسىغا ئادىل مۇئامىلە قىلمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلگىرى يۇنىكال شىركىتى، ئامېرىكىنىڭ شېۋرون نېفىت شىركىتىنىڭ 16 مىليارد 370 مىليون دوللارلىق باھاسىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ دېڭىز- ئوكيان نېفىت شىركىتى تۇيۇقسىز يۇنىكالغا شېۋروندىن2 مىليارد ئۈستۈن باھا قويغان ئىدى. ئەمما، خىتاينىڭ بۇ شىركىتى ئاساسىي جەھەتتىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى شىركەت بولغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكىدا بۇ خىتاي شىركىتىنىڭ، ئامېرىكىدىكى شەخسىي شىركەتلەر بىلەن باھا تالىشىشىنىڭ ئادىل بولمايدىغانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن بەس- مۇنازىرىلەر پەيدا بولغان ئىدى.

خىتاي دېڭىز-ئوكيان نېفىت شىركىتى يۇنىكالغا قويغان باھاسىنى قايتۇرىۋالغاندىن كېيىن، ئەمدى يۇنىكال ئامېرىكىنىڭ شېۋرون شىركىتى بىلەن رەسمىي كېلىشىم تۈزسە بولىدۇ. شۇنداقلا شېۋرون يېقىندا يۇنىكالغا قويغان باھاسىنى ئۆستۈرۈپ 17 مىليارد 400 مىليون دوللارغا يەتكۈزدى. (پەرىدە)