ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى: ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلاش مۈمكىنچىلىكى ئازايماقتا

ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بىرلەشمە شتاب رەئىسى پېتىر پېيس جۈمە كۈنى جەنۇبىي كورىيە پايتەختى سېيولدا، خىتاي - ئامېرىكا سودا ئىقتىسادى مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلاش مۈمكىنچىلىكى ئازايماقتا، دەپ كۆرسەتتى.

گەرچە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى، مەخپىي ھەربىي قۇرۇلۇشى ۋە تەيۋەن بوغىزىدىكى تىركىشىش ئامېرىكىدا ئەندىشە قوزغاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما پېتىر پېيس، ۋاشىنگون بىلەن بېيجىڭنىڭ ئارىدىكى ئىختىلاپلاردىن ئورتاق مەنپەئەتى كۆپرەك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، "مەن خىتاي مەسىلىسىدە كېلەچەككە ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارايمەن. بۇ يەردە ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەت جەھەتتە ئوخشايدىغان تەرەپلىرى، ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرىدىن كۆپ " دەيدۇ.

ئۇ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ خىتاي - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادى كۆۋرۈك بەرپا قىلىشىمىزغا ئەگىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ گۈللىنىشتە بىر بىرىگە تايىنىشى كۈچەيمەكتە. بۇ ئىككى تەرەپ ئارىسىدا توقۇنۇش پەيدا بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى بارغانچە ئازايتماقتا "

ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان ھەربىي دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئەمەلىيەتتىكى ھەربىي خام چوتى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان رەسمىي ساندىن ئىككى ھەسسە كۆپ بولۇپ، 90مىليارد دوللارغا يېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئۆتكەن ئايدا ياپونىيە خىتاي ھەربىي خام چوتىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكى سەۋەبىدىن خىتاينى يوشۇرۇن ھەربىي تەھدىت كېلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.

پېتىر پېيس، سېيولغا جەنۇبىي كورىيىدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋە ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن. نۆۋەتتە 37 مىڭ كىشىلىك ئامېرىكا قىسىمى جەنۇبىي كورىيىدە تۇرماقتا. بۇ يەردە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىقىنى گېنىرال بېلل ئۆتكۈزۈۋالغان. پېتىر پېيسنىڭ تەكىتلىشىچە، جەنۇبىي كورىيىدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ سانى 2008 - يىلغىچە 25 مىڭغا قىسقارتىلىدىكەن. (ئەركىن)