ئامېرىكا، ب د ت نوپۇس فوندى جەمئىيىتىگە ياردەم بېرىشنى توختاتتى


2005.09.18

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نوپۇس فوندى جەمئىيىتىنى خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى قوللىغان دەپ ئەيىبلەپ، بۇ جەمئىيەتكە قىلىدىغان 34 مىليون ئامېرىكا دوللارلىق ئىقتىسادىي ياردەمنى يەنە بىر قېتىم توختاتتى. بۇ ئامېرىكىنىڭ بۇ تەشكىلاتقا 4 - قېتىم ياردەم بېرىشنى توختىتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر نەپەر باياناتچىسى شەنبە كۈنى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى مەجبۇرىي بالا ئالدۇرۇش پىلانىنى دەرھال توختۇتۇشقا چاقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارىدىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نوپۇس فوندى جەمئىيىتى، ئامېرىكىنىڭ قارارىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە مەزكۇر نوپۇس فوندى جەمئىيىتىنىڭ خىتاينىڭ بۇ خىل سىياسىتىنى قوللىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق پاكىت يوقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكىنىڭ قانۇنىدا، ھۆكۈمەتنىڭ، مەجبۇرىي بالا ئالدۇرىدىغان ۋە ئۆزىنىڭ رازىلىقىسىز تۇغۇت ئىقتىدارىنى يوقىتىدىغان ئەھۋاللارغا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق بىر خىلدىكى تەشكىلاتقا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.