
ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات باش نازارەتچىسى Micheal McConnell، ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئاخبارات كومىتېتىغا يەر شارىدىكى تەھدىتلەر توغرىسىدا دوكلات تاپشۇرۇپ، خىتايدىن كېلىدىغان تەھدىتنىڭ ئۆزلىرىدە ئەندىشە يارىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. دوكلات تاپشۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپات بېرىش يىغىنىدا McConnell، خىتاينىڭ ئىنتېرنېت، قورال - ياراقلار جەھەتتىكى تەھدىت سېلىش كۈچى شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ئالەم بوشلۇقى ئەسلىھەلىرىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتى ھەققىدە توختالدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەركىن بۇ توغرىسىدا مەلۇمات بېرىدۇ.
McConnell ، خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى ئامېرىكىغا تەھدىت
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئاخبارات كومىتېتىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنى، ئامېرىكا ئاخبارات ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ يىلدا بىر قېتىم ئېلان قىلىدىغان يەر شارىدا مەۋجۈت تەھدىتلەر توغرىسىدىكى دوكلاتىنى دۆلەت مەجلىسىگە تاپشۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىلدى. يىغىندا ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات باش نازارەتچىسى McConnell، ئامېرىكىغا كېلىدىغان تەھدىتنى ئاساسلىقى ئەل- قائىدە، تېررورچىلىق، ئىراقنىڭ بىخەتەرلىكى، ئامېرىكا پاكىستان ۋە ئافغانىستانلاردا دۇچ كەلگەن رىقابەت، قىرغۇچى خاراكتېرلىك قوراللار، ئىران ۋە شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قوراللار پىلانى قاتارلىقلار، دەپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ خىتايدىن كېلىدىغان تەھدىتنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.
ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات باش نازارەتچى ئىشخانىسىنىڭ دوكلاتىدا خىتاي ھەربىي قىسىملىرىنىڭ قورال - ياراقلارنى ئۈزلۈكسىز كەڭ - كۆلەمدە تەرەققى قىلدۇرۇشى ئامېرىكا ۋە ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئۇ، " خىتاي ئۇرۇش رايونى بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە چارلىغۇچى بومبىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆزگەرتسە، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ مۇنتىزىم قوراللار تەھدىتى ئاستىدا قېلىش خەۋىپىنى كۈچەيتىدۇ. بۇنىڭ سىرتىدا خىتاي ئىستراتېگىيىلىك يادرو قوراللار قىسىملىرىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇپ، بۇ ساھەدىكى يىتەرسىزلىكىنى تولدۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ " دەيدۇ.
خىتاي ئامېرىكا ئىنتېرنەت ئالاقىسىغا تەھدىت سالالايدۇ
McConnell، خىتاي ھەربىي قىسىملىرىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ كۈچلۈك ھەم زامانىۋىي ئارمىيە چوڭ دۆلەتلىك ئورۇنغا ئېرىشىشنىڭ مۇھىم ئامىلى، دەپ قاراۋاتقانلىقىدۇر، دەپ كۆرسەتتى. دوكلاتتا، ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خىتاي دېموكراتىيىگە كۆچكەن تەقدىردىمۇ خىتاي چوڭ دۆلەتلىك ئارزۇسىدىن ۋاز كەچمەيدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
McConnel ئامېرىكا ئىنتېرنېت ئالاقىسىغا كېلىدىغان تەھدىتلەر ئۈستىدە توختىلىپ، خىتاي بىلەن رۇسىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا ئالاقە ئەسلىھەلىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتالايدىغان ئىقتىدارى بارلىقىنى، ئامېرىكا ئالاقە سېستىمىسىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، خۇسۇسى كارخانىلار ۋە شەخسىي ئالاقىلەردە ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقى تۈپەيلى ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئامېرىكا ئالاقە سېستىمىسىغا تەھدىت سالالايدىغان دۆلەتلەرنى ناھايىتى دىققەت بىلەن كۆزىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ، " بىزنىڭ مۆلچەرىمىزگە قارىغاندا ، خىتاي ۋە رۇسىيە قاتارلىقلارنىڭ ئامېرىكا ئىنتېرنېت سېستىمىسىغا كىرىپ، ئاخباراپ توپلاش ئىقتىدارى بار. كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغىنى ، ئۇلار بۇ ئالاقە ئەسلىھەلىرىنى ھۇجۇم قورالى سۈپىتىدە قوللىنىپ، كەڭ كۆلەملىك بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ بارالايدۇ".
ئالەم بوشلۇقى رىقابىتى كۈچىيىشى مۈمكىن
ئالەم بوشلۇقى رىقابىتى ھەققىدە توختالغاندا ئامېرىكا، خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ ئالەم بوشلۇقى ساھەسىدىكى تەرەققىياتىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن McConnell، " ئەگەر ھازىرقى ۋەزىيەت داۋاملاشسا ئالەم بوشلۇقى پەنلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ،خىتاي بىلەن رۇسىيە كەلگۈسىدە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ۋە ئاخبارات سۈنئىي ھەمراسى شۇنداقلا نېرۋا سېستىمىسىغا ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلايدۇ،" دەپ تەكىتلەيدۇ.
McConnell ، خىتاي ئىستراتېگىيىسىنىڭ ئالدىنقى نىشانى ئىقتىسادى تەرەققىيات سۈرئىتى ۋە سىياسىي مۇقىملىقنى ساقلاش بولۇپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تىنچ تاشقى مۇھىت بۇ نىشانغا يېتىشنىڭ ئاچقۇچى، دەپ قارىماقتا، دەپ كۆرسەتتى. McConnell ، خىتاينىڭ ھەربىي قورال - ياراقلار ئېكسپورت سودىسى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى قورال - ياراقلار سودىسى بولۇپمۇ ئىرانغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىشى بۇ رايوندىكى ئامېرىكا ئارمىيىسىگە تەھدىت سالماقتا، دەپ سۆزلىدى.
McConnell يەنە خىتاي، رۇسىيە ۋە نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئەللەرنىڭ ئامېرىكا بازىرىنى ئۆز سىياسى مۇددىئاسى ئۈچۈن قوللىنىش ئېھتىمالى بارلىقى، خىتاي تەبئىي بايلىقلارغا ئېرىشىشتە ئەركىن بازار قاناللىرىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا دوللار ئۈزلۈكسىز پاخاللاشسا ، نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ئېلىم - بېرىمدا دوللار ئورنىغا باشقا پۇللارنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.