سابىق نيۇ-يورك ساقچى باشلىقى ئامېرىكا زېمىن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقلىقىغا تەيىنلەندى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش، نيۇ- يورك ساقچى ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى بېرنارد كېرىكنى ئامېرىكا زېمىن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىقلىقىغا تەيىنلىدى. بېرنارد كېرىك، 2001 - يىلدىكى 11 - سىنتەبىر تېررورلۇق ۋەقەسى مەزگىلىدە نيۇ - يورك شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ كومىسارى بولغان.

11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن قۇرۇلغان زېمىن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى، ئامېرىكىدىكى كۆلىمى ۋە تەسىرى ئەڭ چوڭ مىنىستىرلىقلارنىڭ بىرى. زېمىن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى كۆچمەنلەر ئىدارىسى ، فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى، تاموزنا ، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى قاتارلىق 20 نەچچە ئورگاننى باشقۇرىدۇ.

پرېزىدېنت بۇش، بېرنارد كېرىكنىڭ 11 - سىنتەبىردىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن ئىپادىلىگەن تەجرىبىسى، ئۇنىڭ زېمىن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنى باشقۇرۇشى ئۈچۈن ياردىمى تېگىدۇ دەپ كۆرسەتتى.

ئەگەر پرېزىدېنتنىڭ بۇيرۇقى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتسە، بېرنارد كېرىك زېمىن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق پېنسىلۋانىيە ۋالىسى تام رىجدىن كېيىنكى 2 - مىنىستىرى بولۇپ قالىدۇ. پرېزىدېنت بۇش، "بېرنارد كېرىك ئامېرىكىنىڭ 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن دۇچ كەلگەن مەجبۇرىيىتىنى چۈشىنىدۇ" دەپ ئەسكەرتتى. بېرنارد كېرىك يىتەكچىلىك قىلىدىغان زېمىن بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ 180 مىڭ خىزمەتقىسى بار. (ئەركىن)