روېيتېرس ئاگېنتلىقى پەيشەنبە كۈنى، خىتاينىڭ ئولىمپىك مەشئىلى 6 - ئايدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىيارى ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يېتىپ كەلگەندە بىرەر ۋەقە يۈز بېرىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، قەشقەر شەھىرىدە 70 ئادەمنى قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت روېيتېرس ئاگېنتلىقىغا قەشقەردە 70 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئەمما شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاخبارات ئىشخانىسى شۇنىڭدەك قەشقەر ساقچى دائىرىلىرى روېيتېرس ئاگېنتلىقىغا بۇنداق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغان.
ئوخشاشلا روېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قەشقەردىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرى، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە يېقىنلاشقانسىرى، رايوندىكى ساقچى تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈشنى تەدبىرلىرى كۈچەيتىلمەكتە ئىكەن. ئىستانسىمىز ئىگىلىگەن خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندىمۇ قەشقەردە چارلاش، ئاختۇرۇش شۇنىڭدەك پۇقرالارنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋېلىش ئىشلىرى جىددى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىكنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەقىدە)
