ئامېرىكا ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار مەسىلسىنى ئوتتۇرىغا قويدى
9-ئاينىڭ 24- كۈنى پولشانىڭ پايتەختى ۋارشاۋا شەھىرىدە ئېچىلغان ھەمدە 5 - ئۆكتەبىر كۈنىگە قەدەر داۋاملىشىدىغان، ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقان ئامېرىكا ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى، يىغىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نامىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىردى.
ئۇرۇش ۋە سىياسىي سەۋەبلەردىن ئۆز يۇرتلرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان مۇساپىرلار ۋە سىياسىي قاچقۇنلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نامىدىن ، ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىندا سۈز قىلغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ خادىمى تېمىز ئەپەندى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ مەسىلسىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغان.
تېمىز ئەپەندى يىغىندا قىلغان سۆزىدە "ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى مەجبۇرىي ھالدا خىتايغا قايتۇرۇشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئەندىشىلەندۈرمەكتە. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەردىن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ شۇنىڭدەك ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ۋەكىللىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىشكە چاقىرىدۇ" دېگەن.
ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىمۇ قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى بولۇپمۇ، ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا مەلۇمات بەرگەن ئىدى. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئامېرىكىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدىكى بايانلارنى رەت قىلدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەققىدەگۇۋالىق يىغىنى ئېچىلدى
- ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى خىتاينى ئەيىبلىدى
- گېرمانىيە باش مىنسىتىرى، خىتاي زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلسىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى
- كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينى ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى باستۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى
- كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى:دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەكشۈرۈشتە يېڭى قانۇن لايىھىسى ماقۇللىدى
- تۈرمىدىكى خىتاي شائىرىنىڭ ئانىسى Yahoo شىركىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى " دۆلەت مەخپىيەتلىكى" ئۇقۇمىنى ئىزاھلاشقا چاقىردى
- ئامېرىكا ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باۋچەر ئوتتۇرا ئاسىيانى زىيارەت قىلماقتا
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتايدىن ئۆلۈم جازاسىنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلدى