بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىدىكى ۋىسكونسىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر تىلىدىنمۇ دەرس ئۆتىلىدۇ


2007.02.21

بۈگۈن ب د ت نىڭ دۇنيا ئانا تىلى كۈنى. مۇشۇ كۈندە ئامېرىكىدىكى ۋىسكونسىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئامېرىكا مائارىپ مىنىستىرلىقى خەتەر ئاستىدا قالغان تىللارنى قۇتقۇزۇش مەبلىغىدىن ۋىسكونسىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر-بىرىگە چېتىلىدىغان تىللار پروگراممىسى ئۈچۈن 379 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ ئاجرىتىپ بەرگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ ئۇنىۋېرىسىتېتتا تۈركىي تىللار دەرسلىكى دېگەن دائىرىدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان قازاق تىلى ئاساس قىلىنىپ، باشقا تۈركى تىللار قوشۇمچە قىلىنغان ئىكەن. ھازىر بولسا بۇ فاكولتېتتا ئۈزبېك تىلى ئاساسىدا بۇنىڭغا چېتىلىدىغان ئەمما پەرقلىق تەلەپپۇز قىلىنىدىغان قازاق، ئۇيغۇر، تۈركمەن قاتارلىق باشقا تۈركى تىللار بۇيىچە دەرس ئۆتىلىۋاتىدۇ. بۇ فاكولتېتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۈركى تىللار دەرسلىكى ئوقۇغۇچىلارنى تۈركىي تىللاردىن بىرنى ئۆگەنسە ئۇنىڭ باشقا ۋارىيانتلىرىنى بىمالال چۈشىنىدىغان قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈنكى دۇنيا ئانا تىلى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "قوش تىللىق مائارىپ" دېگەن نام ئاستىدا ئۇيغۇر تىلىنى يوق قىلىشقا كىرىشكەنلىكىنى ئەيىبلىدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاساسلىق قانۇنلۇق ئورنىغا دەخل -تەروز قىلماسلىقى لازىملىقىنى كۆرسەتتى. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.