ئۆزبېكىستاندا پرېزىدېنت سايلىمى پائالىيىتى باشلانغان بىر ھەپتىدىن بۇيان بىر قىسىم پارتىيە-گۇرۇھلار ئۆز نامزاتلىرىنى تىزىملاشقا باشلىدى. ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، بۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر ئايال كىشىمۇ بار بولۇپ، ئۇ ئۆزبېكىستاندىكى رەسمىي تىزىمغا ئېلىنغان بەش پارتىيىنىڭ بىرى " ئادالەت" سوتسىيال-دېموكراتىك پارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى دىلارام تاشمۇھەممەدوۋا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۆزبېكىستان ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا، ئادالەت پارتىيىسى يېقىندا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، دىلارام تاشمۇھەممەدوۋانى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىغا چۈشىدىغان رەسمىي نامزات قىلىپ بېكىتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ يىل 10-ئايدا مەزكۇر پارتىيىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا پۈتۈن ۋەكىللەرنىڭ ئاۋاز بېرىشى بىلەن ئاخىرقى قېتىم بېكىتىلىدىكەن.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، بۇ ئۆزبېكىستاندىكى ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلغان پارتىيىلەر تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم كۆرسىتىلگەن پرېزىدېنت نامزاتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. تەلەپ بويىچە تىزىمغا ئېلىنغان باشقا پارتىيىلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ نامزاتلىرىنى كۆرسىتىشى كېرەك بولۇپ، بەش پارتىيىدىن بەش كىشى نامزات سۇپىتىدە رىقابەتكە چۈشىدۇ.
لېكىن، ئۆزبېكىستان تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئايال كىشىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى بولۇشى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا نىسبەتەن يېڭىلىق بولۇپ، بۇ ئۆزبېكىستانلىقلار ئارىسىدا تۈرلۈك ئىنكاسلارنى پەيدا قىلماقتا. ھازىر، پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموفنىڭ مۆھلەت توشقان، قانۇن بويىچە ئۇ يەنە ئۈچىنچى قېتىم سايلىنالمايدۇ، ھازىرچە ئۇنىڭ ئۆز نامزاتىنى كۆرسەتكەن-كۆرسەتمىگەنلىكى ئېنىق ئەمەس، بولسىمۇ، بىراق ئۆكتىچى تەھلىلچىلەر ئۇنىڭ ئۆز نامزاتىنى كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلماقتا.
ئۆكتىچىلەر ئۆزبېكىستاننىڭ ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان ھەمدە ئۆز نامزاتلىرىنى كۆرسىتىۋاتقان پارتىيىلەرنى "چۆنتەك پارتىيىلىرى" دەپ ئاتاپ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئەمرىنى ئىجرا قىلىدىغانلىقى، ھېچ قاچان تەنقىدىي پىكىرلەر بىلەن مەيدانغا چىقمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. (ئۈمىدۋار)