سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە شەرق مەدەنىيىتىنىڭ ۋەكىلى دەپ قارىلىپ، موسكۋا تەرىپىدىن كۆپلىگەن دۇنياۋى مەدەنىيەت فېستىۋاللىرى ئۆتكۈزگەن ئۆزبېكىستان مۇستەقىللىققە ئېرىشكەندىن كېيىن، خەلقئارا سەھنىسىدە دىكتاتورلۇقنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە تونۇلۇپ قېلىش بىلەن خەلقئارالىق زور پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشنى ئاكتىپلاشتۇرالماي قالغان بولسا، ئۇنىڭ ئەكسىچە قازاقىستان مەركىزىي ئاسىيادىكى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان دۆلەتكە ئايلانغان ئىدى.
يېقىنقى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموف، دۆلەت ئوبرازىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بەزى قەدەملەرنى باسقان بولۇپ، تاشكەنت خەلقئارا ئىسلام قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن 2007-يىللىق دۇنيا ئىسلام پايتەختى دەپ ئاتالغان.
پەرغانە ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 30- ئاۋغۇست كۈنى ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەند شەھىرىدە خەلقئارالىق سەنئەت فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ فېستىۋالغا مىسىر، ئىتالىيە، مالايشىيا، كېنىيە، جەنۇبىي كورىيە، خىتاي قاتارلىق 50 دۆلەتنىڭ ئارتىسلىرى قاتناشقان.
بۇ فېستىۋالدا بىرىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەن كىشىگە 10 مىڭ دوللار بېرىش قارار قىلىنغان بولۇپ، كۇۋېيتلىك ئارتىست بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن. خىتاي، كېنىيە ۋە مالايسىيالىق ئارتىستلار ئۈچىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن.
قىرغىزىستان ئارتىسلىرىغا كوللېكتىپ مىللىي ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن مۇكاپات بېرىلگەن بولسا، ئەزەربەيجان ۋە ئۆزبېكىستان ئارتىسلىرىمۇ ئۆزىگە خاس بولغان مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى فېستىۋالدا مەخسۇس شەرق ئاھاڭلىرىدا ناخشا ئېيتىش تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، ئەمما، خىتاي ۋەكىللىرى ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بار يوقلۇقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن. (ئۈمىدۋار)