خىتاينىڭ شىنجاڭ گېزىتى 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بەلگىلىگەن ئەمەلدارى ۋاڭ لېچۇەن ئاپتونوم رايونلۇق قانۇن يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك ئورگانلارنى 'ئۈچ خىل كۈچلەر' دىن ھۇشيار بولۇشقا، بولۇپمۇ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغاندا مۇقىملىقنى 'ئىككىلا قولدا تۇتۇش' قا، 'ھەر ئىككى قول قاتتىق بولۇش'قا، 'تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈش، باش كۆتەرسىلا ئۇرۇش، بايقىلىشتىن بۇرۇن ئەدىپىنى بېرىش' قا چاقىرغان.
ۋاڭ لىچۈەن بۇ يىل يەنە قايتىدىن مۇش كۆتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، ۋاڭ لېچۇەن بەلگىلىگەن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇۋەققەت رەئىسى نۇر بەكرى ئۇنىڭغا يېقىندىن ئەگىشىپ، ھەر دەرىجىلىك قانۇن تارماقلىرىنى دېلو بىر تەرەپ قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشقا، زىيالىيلارغا، دىنىي زاتلارغا زەربە بېرىشكە قۇتراتقان. (ۋەلى)
