گرۇزىيە ۋە ئۇكرائىنىيە مۇستەقىل دۆلەتلەر گەۋدىسىدىن چىقىپ كەتمەكچى

رۇسىيە خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، گرۇزىيە ۋە ئۇكرائىنىيە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىدىن چىقىپ كەتمەكچى بولغان.

يەكشەنبە كۈنى گرۇزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تىبلىسقا زىيارەتكە كەلگەن ئۇكرائىنىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن سۆزلەشكەندە، "مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىنىڭ ئاللىقاچان رولى قالمىغانلىقىنى، ئەمدى ھازىر ئۇنىڭدىن چىقىپ كېتىش مەسىلىسىنى جىددىي ئويلىشىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. گرۇزىيە پرېزىدېنتى مىخائىل ساكاشىۋىلى ئۆتكەن ھەپتىدە بالتىق بويىدىكى جۇمھۇرىيەتلەرنى زىيارەت قىلغاندا، گرۇزىيىنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىدىن چىقىپ كەتسە زىيان تارتمايدىغانلىقىنى، بۇنى بالتىق بويى دۆلەتلىرىنىڭ ئىسپاتلىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ساكاشىۋىلى سۆزىدە رۇسىيىنى تەنقىد قىلىپ، ھازىر رۇسىيىنىڭ گرۇزىيىگە نىسبەتەن ئۆز بازارلىرىنى قاتتىق قامال قىلغانلىقىنى، گرۇزىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى ۋىزا تۈزۈمىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارىغاندا قاتتىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رۇسىيىنىڭ news.ru ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، گرۇزىيە بىلەن ئۇكرائىنىيىنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىدىن چىپ كەتمەكچى بولغانلىقى قايتىدىن مۇستەقىل دۆلەتلەر گەۋدىسىنى كۈچەيتمەكچى بولۇۋاتقان رۇسىيىنى بىئارام قىلغان.(ئۈمىدۋار)