ۋېن جياباۋ چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغدايدىغانلىققا ۋەدە بەردى


2006.09.13

ئەنگلىيىنى زىيارەت قىلغان خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ 13 - سېنتەبىر كۈنى ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى تونىي بلايىر بىلەن سۆھبەتلەشكەندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، ئاخبارات ئورگانلىرىغا بولغان ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋېن جياباۋ "جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ ئورگانلارنىڭ خەۋەر بېرىش ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ شۇنىڭدەك بۇ ئورۇنلارنىڭ جۇڭگونىڭ قانۇنلىرىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ" دەپ تەكىتلىگەن.

بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى بىر يېڭى قارار ئېلان قىلىپ، چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خىتايدىن ئۇچۇر تارقاتقاندا شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى لازىملىقىنى كۆرسەتكەن. بۇ قارار خەلقئارا مەتبۇئات ساھەسىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. نۆۋەتتە خىتاي، ئاخبارات ۋە سۆز ئەركىنلىكى يوق دۆلەت دەپ ئەيىبلەنمەكتە.

ۋېن جياباۋ تونىي بلايېر بىلەن ئىككى مەملىكەتنىڭ سودا ئىقتىساد، ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى ھەمدە 2008-يىلىدىكى بېيجىڭ ھەم 2012-يىلىدىكى لوندون ئولىمپىك يىغىنلىرى مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر ئاملاشتۇرغان. ۋېن جياباۋ لوندوندىكى زىيارىتى جەريانىدا نارازىلىق نامايىشلىرىغا دۇچ كەلدى. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.