ۋېن جياباۋ مۇشەررەف بىلەن كۆرۈشتى

پاكىستاندا زىيارەتتە بولىۋاتقان خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ چارشەنبە كۈنى پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەف بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى.

ۋېن جياباۋ بۇنىڭدىن سىرت يەنە، پاكىستان باش مىنىستىرى شاۋكەت ئەزىز بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ، ئىككىلىسى پاكىستان-خىتاي دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسىغا قول قويغان. ۋېن جياباۋ شاۋكەت ئەزىز بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە، خىتاينىڭ ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى كەشمىر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋېن جياباۋ پاكىستانغا 26 دۆلەت ۋەكىللىرى قاتناشقان " ئاسىيا ھەمكارلىق دىئالوگى" يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، ئۇ يەنە چارشەنبە كۈنى مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىپ، خىتاينىڭ مەڭگۈ باشقا دۆلەتلەرگە ھېچقانداق تەھدىت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ھەمدە باشقا دۆلەتلەرنى كونترول قىلىشقىمۇ ئۇرۇنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمما نۇرغۇن ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى توسۇش ئۈچۈن، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە پاكىستانغا ئوخشاش خوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ۋېن جياباۋ پاكىستاندىكى سەپىرىدىن كېيىن يەنە، ھىندىستان، بېنگال ۋە سىرىلانكا قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلماقچى. (پەرىدە)