خىتاينىڭ باش مىنىسىتىرى ۋېن جياباۋ، ھىندىستاندىكى 4 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى


2005.04.10

خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، شەنبە كۈنى ھىندىستانغا قاراتقان 4 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىۋەتتى. ۋېن جياباۋ ئالدى بىلەن ھىندىستاننىڭ پەن - تېخنىكا ئۇچۇر شەھىرى ھېسابلانغان بانگىلورا شەھىرىنى زىيارەت قىلدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ۋېن جياباۋ ھىندىستان رەھبەرلىرى بىلەن خىتاي - ھىندىستان چېگرا مەسىلىسى، سودا مۇناسىۋىتى ھەمدە تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما مەسىلىسى قاتارلىق تەرەپلەردە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن.

ھىندىستان ساقچى دائىرىلىرى، تىبەتلىكلەرنىڭ ۋېن جياباۋنىڭ ھىندىستان زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشىدىن ئەندىشە قىلىپ، بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئېلىشتىن سىرت، سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى رەھبىرىنى تۇتقۇن قىلغان شۇنىڭدەك 50 كە يېقىن تىبەت ئوقۇغۇچىسىنى ۋاقتىنچە مەكتەپتىن توختاتقان.

گەرچە، بانگىلورا شەھىرىنىڭ ساقچى باشلىقى مەزكۇر تەدبىرلەردىن كېيىن، تىبەتلىكلەرنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرمەسلىككە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق تىبەتلىكلەر يەنىلا خىتاينىڭ يېڭى دېھلىدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا، ۋېن جياباۋنىڭ زىيارىتىگە قارشى نامايىش ئېلىپ بارغان.

ۋېن جياباۋ، جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى بولغان پاكىستاننى زىيارەت قىلغاندا، پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلار بولۇپمۇ، ئىككى دۆلەت ئارىسىكى كەشمىر مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناش ھەققىدە پاكىستان رەھبەرلىرىگە ۋەدە بەرگەن ئىدى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.