رۇسىيەدە بىر كۈننىڭ ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق ئايرۇپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە يولۇچى ۋە خىزمەت خادىملىرى بولۇپ جەمئىي 89 كىشى قازا تاپتى.
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ئىككى ئايرۇپىلان موسكۋادىن بىر سائەت ئىلگىرى كېيىن ئۇچقان بولۇپ، ھەر ئىككىلىسى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەرگە چۈشۈپ كەتكەن. شۇنداقلا ئارىسىدىكى بىر ئايرۇپىلاندىن يەرگە چۈشۈپ كېتىشتىن بۇرۇن ئايرۇپىلاننىڭ بۇلانغانلىقى ھەققىدە سېگنال بېرىلگەن.
رۇسىيە پرېزدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بۇ ۋەقەدە تېررورچى كۈچلەرنىڭ ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيە بىخەتەرلىك ئورۇنلىرىنى بۇ ۋەقەنى تېزدىن ئېنىقلاشقا بۇيرىغان.
خەۋەردە ئىلگىرى سۈرىلىشىچە، بەزى كىشىلەر بۇ ئىككى ۋەقەنىڭ چېچەنىستان مۇستەقىلچىلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولىشىدىن گۇمان قىلماقتا. چۈنكى يەنە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن چېچەنىستاندا پرېزدېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلماقچى.(پەرىدە)