ياپونىيە ھۆكۈمىتى، مەزكۇر دۆلەتتە 40 يىلدىن بۇيان كۆرۈلگەن ئەڭ ئېغىر پويىزنىڭ رىلىستىن چىقىپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرمەكتە.
رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر تېز پويىز دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن ئىشقا چۈشىدىغان مەزگىلدە غەربتىكى ئاماگاساكى شەھىرىدە رېلىستىن چىقىپ كېتىپ، ئەتراپتىكى بىر بىناغا سوقۇلغان. ۋەقەدە ئاز دېگەندە 73 ئادەم ئۆلگەن ۋە 400 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.
خەۋەرگە قارىغاندا، ياپونىيە قۇتقۇزغۇچى خادىملىرى سەيشەنبە كۈنى ۋەقە خارابىسىدىن ئىككى ئايال ۋە بىر ئەرنى قۇتقۇزۇپ چىققاندىن كىيىن، ۋەقەدە ھايات قالغۇچىلارنى يەنە داۋاملىق ئىزدىمەكتە ئىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،ياپونىيە ساقچى دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى مەزكۇر تېز پويىز تەۋە بولغان” غەربىي ياپونىيە يولۇچىلار تۆمۈر يول شىركىتى” گە بېرىپ ، 23 ياشلىق شوپۇرنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەندە پويىزنى سۈرئەت چەكلىمىسىدىن تېز ھەيدىگەن- ھەيدىمىگەنلىكىنى تەكشۈرگەن.
ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، پويىزنىڭ رىلىستىن چىقىپ كەتكەن ۋاقتىدىكى سۈرئىتى سائىتىگە يۈز كىلومېتىرغا يەتكەن بولۇپ، بۇ سائىتىدە 70 كىلومېتىر مېڭىش چەكلىمىسىدىن كۆپ ئېشىپ كەتكەن. شوپۇرنىڭ خىزمەت تارىخى بىر يىلغىمۇ يەتمىگەن بولۇپ، ئۇ بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن ئىلگىرىمۇ ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىكەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، ساقچى دائىرىلىرى يەنە، پويىزنىڭ ئاپتوماتىك توختۇتۇش سېستىمىسىدا مەسىلە چىققان بولۇشى مۇمكىنچىلىكىنىمۇ تەكشۈرمەكتە. (ئارزۇ)