قىزىل دېڭىزدا 2 - " تىتانىك ۋەقەسى" يۈز بەردى

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۇبا پورتىدىن مۇتلەق كۆپ قىسىمى ھەجدىن قايتقان ھاجىلارنى ئېلىپ ماڭغان مىسىرنىڭ 1400 كىشىلىك بىر يولۇچىلار كىمىسى قىزىل دېڭىزدا چۆكۈپ كېتىپ، ناھايىتى كۆپ ساندا يولۇچىلار ئۆلدى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قۇتقۇزۇش خادىملىرى ھازىرغا قەدەر 14 جەسەتنى سۈزۈۋالغان. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، 100 دەك يولۇچىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. يولۇچىلار كېمىسى پەيشەنبە كۈنى كەچتە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۇبا پورتىدىن مىسىرغا قاراپ يولغا چىققان. پاراخوت مىسىرنىڭ سافاگا پورتىغا 80 كېلومىتىر كېلىدىغان جايدا چۆكۈپ كەتتى.

مىسىر دائىرىلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يولۇچىلار پاراخوتى جۈمە كۈنى ئەتىگەن سەھەر سائەت 3:00 دە سافاگا پورتىغا يېتىپ كېلىشى كېرەك بولسىمۇ، ئەمما پاراخوت دېڭىز پورتىغا 100 كېلومېتىر قالغاندا رادار ئىكرانىدىن تۇيۇقسىز غايىپ بولغان. مىسىر دائىرىلىرى ھەربىي پاراخوت ۋە تىك ئۇچارلارنى ئىشقا سېلىپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان. ئەمما ھاۋا رايى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى ئاقسىتىپ قويغان.

يولۇچىلارنىڭ كۆپ قىسىمى ھەج پائالىيىتىدىن قايتقان ھاجىلار ياكى سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىشلەيدىغان مىسىرلىق ئىشچىلار بولۇشى مۈمكىن. يولۇچىلار ئارىسىدا 100 دەك چەتئەللىك بار ئىكەن. ب ب س نىڭ تەكىتلىشىچە، يولۇچىلار پاراخوتىنىڭ قانۇنى ئىگىسى سالام دېڭىز ترانسپورت شىركىتى، ۋەقەنىڭ نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىققانلىقى تېخىچە ئېنىقلانمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شىركەت دائىرىلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، پاراخوت ئىكراندىن غايىپ بولۇشتىن بۇرۇن قۇتقۇزۇش سىگنالى بەرمىگەنلىكىنى ئەسكەرتمەكتە. ئەگەر ۋەقەدە قۇتقۇزۇۋېلىنغانلار خەۋەرلەردە ئېيتىلغاندەك بولسا، بۇ 1912 - يىلى ئاتلانتىك ئوكياندا چۆكۈپ كەتكەن " تىتانىك ۋەقەسى" دىن كېيىن يۈز بەرگەن 2 - چوڭ دېڭىز - ئوكيان ۋەقەسى بولۇپ قالىدىكەن. (ئەركىن)