ۋېيتنامدا خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەر ئەۋج ئالماقتا
2008.01.09
ۋېيتنام ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلۈكسىز ھەرىكەت قوزغاپ، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋېيتنامنىڭ مول نېفىت بايلىقى بار تاقىم ئاراللىرىنى ۋە فىلىپپىن، مالايشىيا، برۇنېيلارنىڭ بىر قىسىم ئاراللىرىنى، تەيۋەن ئارىلىنى ئۆزىنىڭ ئايرىلماس تېررىتورىيىسى دەپ جاكارلاپ كېلىۋاتقانلىقىغا قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.
بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋېيتنامنىڭ تاقىم ئاراللىرىنى ئىدارە قىلىدىغان شەھەر تەسىس قىلغانلىقىغا قارشى چوڭ نامايىش ئۆتكۈزگەن ئىدى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خانويدىن بايان قىلىشىچە، 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ۋېيتنام ئوقۇغۇچىلىرى يەنە ئىنتېرنېت ئارقىلىق خىتاينىڭ خانويدىكى باش ئەلچىخانىسى ۋە خۇزىمىن شەھىرىدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ 'ئوقۇغۇچىلار كۈنى' ئۆتكۈزۈش ھەققىدە ئېلان چىقارغاندىن كېيىن، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامايىشىدا كۈتۈلمىگەن مەسىلە كېلىپ چىقىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ساقچى ۋە رەسمىي فورما كەيمەيدىغان قوشۇنلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 1979 - يىلى خىتاي بىلەن ۋېيتنام ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن چېگرا ئۇرۇشىدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن يۈز بېرىۋاتقان كىچىك ئۇرۇشلاردا، ھەتتا ھازىر خىتاي كۈچلىنىپ باش كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقاندىمۇ، ۋېيتنام ئۆزىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى تولۇق ئىپادىلەپ كەلمەكتە. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىراقتا ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا 26 كىشى ئۆلگەن
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىر قىسىم ئۇرۇشچى ئەسكەرلىرىنى ئىراقتىن چېكىندۈرۈشنى قارار قىلدى
- بۇش ئىراقنى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلدى
- " تالىبانلار خىتاينىڭ قوراللىرىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ"
- لىۋان ھۆكۈمەت قوشۇنى بىلەن ئىسلامىي كۈچلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
- ئىراقتىكى ۋەزىيەت يەنىلا جىددى ھالەتتە تۇرماقتا
- ئامېرىكىنىڭ جەڭچى روباتلىرى ئىراقتا ئۇرۇشقا قاتناشماقتا
- خىتاي : ئىراقتا بايقالغان خىتاي قوراللىرى ھەققىدە ئىنكاس بىلدۈردى
- ئافغانىستاندا 45 پۇقرا ھاۋا ھۇجۇمى تۈپەيلىدىن ئۆلدى
- ئىراق ۋە ئافغانىستانلاردا يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا









