دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى باشلاندى


2006.07.05

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن ئامېرىكا مورىننو فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش بويىچە كېسەللەرگە قارىغۇچىلارنى تەربىيلەش كۇرسى 7‏-ئاينىڭ 3‏- كۈنى ئۈرۈمچىدە باشلاندى. بۇنىڭغا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 250 نەپەر قارىغۇچى قاتناشتى.

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى خىتاي بويىچە ئەيدىزنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى رايون بولۇش بىلەن بىرگە، بۇ يەردە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ۋەزىيىتى ئىنتايىن تەس ئەھۋالدا ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن، بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كېسەللەرگە قارىغۇچىلار جەمئىيىتى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا مورىننو فوندى جەمئىيىتىنىڭ مەدەت بېرىشى بىلەن بۇ كۇرسنى ئاچقان.

شۇنداقلا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ غەربىي تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كېسەللەرگە قارىغۇچىلار باشقارمىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى، ئامېرىكا مورىننو فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى بۇ كۇرستا خالىسانە دەرس ئۆتۈپ بېرىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تۈر 5 يىل داۋاملىشىدىكەن. شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ئەھۋالى بىر قەدەر ناچار بولغان ئىلى ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، دوختۇر، سىستېرالارنى تەربىيلەيدىكەن ھەتتا ئەيدىزگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا يۈز تۇرانە دەرس ئۆتىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىل چىقارغان دوكلاتىغا قارىغاندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 14 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، ھازىرغىچە 91 كىشى ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلگەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.