ئامېرىكا كەڭ كۆلەمدە يوقىتىش خاراكتېرلىك قوراللارنىڭ تارقىلىشى ھەققىدىكى يىللىق دوكلات ئېلان قىلدى

ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى سەيشەنبە كۈنى كەڭ كۆلەمدە يوقۇتۇش خاراكتېرلىك قوراللارنىڭ تارقىلىشى ھەققىدىكى يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، ئەل قائىدە تېررورىست تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا ۋە غەرپ ئەللىرىگە رادىئاكتلىپ يادرو بومبىسى بىلەن ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغان بۇ دوكلاتىدا يەنە، ئەل قائىدە تەشكىلاتىنىڭ بىئوخىمىيىلىك ۋە يادرو قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئوچۇق ئېلان قىلىشىنىڭ نۆۋەتتە مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئەڭ ئەندىشە قىلىۋاتقان مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئاخبارات ئىدارىسى دوكلاتىدا، بۇ خىلدىكى ھۇجۇملارنىڭ ئۆيدە ياسالغان رادىئاكتىپلىق قوراللار بىلەن كىچىك كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلسىمۇ، لېكىن يەنىلا نەچچە يۈزلىگەن كىشىلەرنىڭ ئۆلىشىدەك پاجىئەنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كىشىلەر ئارىسىدا ۋەھىمە پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى 2004 - يىللىق دوكلاتىدا يەنە، مەزكۈر ئىدارىنىڭ يەنىلا ئىراننىڭ مەخپىي ھالدا بىر يادرو قوللارنى ياساش پروگراممىسىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا شىمالىي كورىيىنىڭمۇ ئامېرىكىغىچە يېتىپ بارالايدىغان بىر يادرو ئوق بېشىغا ئىگە باشقۇرىلىدىغان بومبىسى بار بولىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (پەرىدە)