ئامېرىكا: خىتاي ۋەدىسىگە "ئۇياتسىزلارچە" خىلاپلىق قىلماقتا


2005-12-13
Share

ئامېرىكا دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى خىتاينى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشتە بەرگەن ۋەدىسىگە ئېغىر دەرىجىدە، بەزىدە " ئۇياتسىزلارچە" خىلاپلىق قىلماقتا، دەپ ئەيىبلىدى.

ئامېرىكىنىڭ ياردەمچى سودا ۋەكىلى ستىراتفورد، خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولغاندىن كېيىن دۇنيا سودا تەشكىلاتى قائىدىلىرىنى ئىجرا قىلىش خاتىرىسى "قالايمىقان" دەپ كۆرسەتتى. ستىراتفوردنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي بازىرىنى ئېچىۋېتىشكە ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، بىراق ماركا ھوقۇقى ۋە پاتېنت ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە ۋەدىسىنى ئىجرا قىلىشتىن تېخى يىراقتا ئىكەن.

ستىراتفورد، خىتايدا يۇمشاق دېتاللار، مۇزىكا ۋە كىنو فىلىم ئەتكەسچىلىكى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال بولۇپ، " بۇلار دۇنيا سودا تەشكىلاتى قائىدىلىرىگە خىلاپ قىلمىشلارنىڭ بىر قىسىمى" دەيدۇ. ستىراتفوردنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ خىتايدا 23 يىل خىزمەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما قانۇنلۇق سىنئالغۇ ياكى ئۈنئالغۇ ئۆزەكلىرىنى قەيەردىن سېتىۋېلىشنى تاپالمىغان.

ستىراتفورد بۇ سۆزلەرنى سودا دوكلاتى ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەندە سۆزلىدى. ئۇ، " خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بازارنى ئېچىۋېتىش، كەمسىتىشكە ۋە مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق پرىنسىپلىرىنى تولۇق يولغا قويمىدى" دەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتايدا بازار مېخانىزىمىنىڭ قېلىپى تېخى شەكىللىنىپ بولمىغان. ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىدىكى قىزىل رەقىمى بۇ يىل 200 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن.

ستىراتفوردنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي 2006- يىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ۋە ئاپتوموبىل ئىمپورت بەلگىلىمىسى قاتارلىق مەسىلىلەردىكى ئېغىر بېسىمىغا دۇچ كېلىدىكەن. بۇ دوكلات ئامېرىكا ھۆكۈمىتى د س ت نىڭ خوڭكوڭدىكى يىغىنىدا خىتاي بىلەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسى بويىچە كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىۋاتقان بىر چاغدا ئېلان قىلىندى. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت