ئامېرىكا سودا ۋەكىلى سۇزان شۋاب، سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا جۇڭگونىڭ يەر شارى سودا سۆھبىتىدە ئىلگىرى سۈرگۈچىلىك رول ئويناشنى ئۈمىد قىلدى ۋە جوڭگونىڭ مەملىكەت ئىچى بازىرىنى تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىشكە چاقىردى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ مۇخبىرلارغا بېيجىڭنى زىيارەت قىلىش مەقسىدىنىڭ جۇڭگونى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرۇشقا ئۈندەش، دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ، دۇنيا سودا سۆھبىتى مۇۋاپىقيەتلىك بولمىسا، ئەڭ كۆپ زىيان تارتىدىغان دۆلەتنىڭ جوڭگو بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بۇ يىل 7 - ئايدا دوخادا چاقىرىلغان دۇنيا سودا سۆھبىتىدە كېلىشىم ھاسىل قىلالمىدى. "مېنىڭ مەقسىدىم جوڭگونى ھەرىكىتى، سۆزى ۋە مەيدانى بىردەك بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش،" دەپ تەكىتلىگەن سۇزان شۋاب، " دوخا سۆھبىتى جۇڭگونىڭ بۇنىڭغا ئىجابىي ۋە ئاكتىپ قاتنىشىشى ئاستىدىلا مۇۋاپىقىيەتلىك بولىدۇ،" دەيدۇ.
سۇزان شۋاب دۈشەنبە كۈنى خىتاي سودا مىنىستىرى بو شىلەي بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. بو شىلەي بولسا تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرنىڭ سۆھبەتكە ئەمىلى تۆھپە قوشۇشىنى تەلەپ قىلغان. (ئەركىن)