ۋۇ باڭگو، يېڭى زېلاندىيە پارلامېنتىدا تىبەت پائالىيەتچىسىنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىگە دۈچ كەلدى


2005.05.26

خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ۋۇ باڭگو پەيشەنبە كۈنى يېڭى زېلاندىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلغاندا، پارلامېنت بىناسى سىرتىدا تىبەت مۇستەقىللىقىنى قوللىغۇچى پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قارشىلىق نامايىشىغا دۈچ كەلدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان، يېشىل پارتىيىدىن سايلانغان پارلامېنت ئەزاسى دونالد ۋۇ باڭگو ئۆتىدىغان يولدا تىبەتنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، قارشىلىق بىلدۈرگەن. ۋۇ باڭگو ئۇنىڭغا يولۇقماسلىق ئۈچۈن، پارلامېنت بىناسىنىڭ يان ئىشىكىدىن كىرىشكە مەجبۇر بولغان.

بۇنىڭدىن سىرت، يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتى تىبەت بايرىقىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ زىتىغا تىگىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ۋۇ باڭگونى قارشى ئېلىش مۇراسىمىنى بىكار قىلغان.

يېڭى زېلاندىيە پارلامېنت ئەزاسى دونالد، ئۆزىنىڭ بۇنداق نامايىش ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە يېڭى زېلاندىيىنىڭ ساقچى دۆلىتى بولماستىن، دېموكراتىك بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، پارلامېنتنىڭ خەلققە تەۋە ئىكەنلىكىنى، خەلق دېموكراتىيىگە تەلپۈنگەنلىكى ئۈچۈن ئېتىپ ئۆلتۈرىلىدىغان تيەنئەنمىن مەيدانى ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.