ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلىدى
2005.05.08
1945-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى ياۋروپادا رەسمى ئاخىرلاشتى.
ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى نەتىجىسىدە پۈتۈن ياۋروپا بويىچە 50 مىليونغا يېقىن ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، بۇ ئىنسانىيەتكە ئۇنتۇلماس خاتىرىلەرنى قالدۇرغان ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر تۈرلۈك شەكىلدىكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى.
بۇ جەرياندا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشمۇ شىمالىي ياۋروپادىكى ۋ بالتىق بويىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، بۇش بىلەن گوللاندىيە ئايال پادىشاھى شۇ جايدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى قەبرىستانلىقىغا بېرىپ، گۈل قويدى.
گېرمانىيە بولسا دېموكراتىيە بايرىمى شەكلى بىلەن غەلبە كۈنىنى خاتىرلىگەن بولۇپ، گېرمانىيە پارلامېنتى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ھەمدە گېرمانىيە رەھبەرلىرى كاتولىك دىنى چېركوۋىغا بېرىپ، ئالاھىدە دىنىي مۇراسىمىغا قاتناشقان. ئۇنىڭدىن باشقان يەنە گېرمانىيە سولچىلىرى نامايىش ئۆتكۈزگەن.
فرانسىيە ھۆكۈمىتى 1945-يىلى 7-ماي كۈنى گېرمانىيىنىڭ فرانسىيىگە تەسلىم بولغان كۈنىنى خاتىرىلەش كۈنى قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن داغدۇغۇلۇق مۇراسىملارنى ئېلىپ بارغان.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەنگىلىيىدىمۇ شۇ خىلدىكى پائالىيەتلەر ئېلىپ بەرىلغان. بىراق، پولشا ئۆكتىچىلىرى پولشا پرېزىدېنتىنىڭ رۇسىيىدە ئۆتكۈزىلىدىغان ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىنى ئەيىبلىگەن. لاتۋىيە ھۆكۈمىتى بولسا رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ لاتۋىيەنى بېسىۋالغانلىقىدىن ئىبارەت پاكىتنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن موسكۋا بۇ پاكىتنى قوبۇل قىلماي، ئىككى ئارىدا ئىختىلاپلار كېلىپ چىققان. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پرېزىدېنت بۇش شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىدىكى زىيارىتىنى باشلىدى
- موسكۋادا ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسىنىڭ 60 يىللىقى خاتىرىلىنىدۇ
- رۇسىيە پرېزىدېنتى پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيىنى زىيارەت قىلدى
- پۇتىن: سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى دۇنيا سىياسى جۇغراپىيىسىدىكى زور پالاكەت
- كوندولىزا رايس رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى